ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ قۇشقاچ تۇتماق؛ ئۆزىنى-ئۆزى ئالدىماق.
كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ، تەيشەننى كۆرمەسلىك؛ ئۇلۇغ ئەربابنى كۆزگە ئىلماسلىق؛ غوجا ئاكىسىنى تونۇماسلىق.
كۆزى ئوچۇق قارىغۇ.
كۆزى ئۆتكۈر، قولى چاققان؛ چەبدەس؛ چاققان.
كۆزى ئۆتكۈر، قولى چەبدەس؛ تېز ۋە ئەپچىل.
كۆزى ئۆتكۈر؛ كۆزىدىن ئوت چاقناپ تۇرماق.
كۆزى ئىمىر-چىمىر بولۇپ كەتمەك؛ كۆزى ئالىچەكمەن بولۇپ كەتمەك؛ كۆزنى چاقنىتىۋەتمەك؛ كۆز قاماشماق.
كۆز يېشى قىلماق؛ كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەك.
كۆكرەك كېرىپ ئالغا باسماق؛ مەردانە قەدەم تاشلىماق.
كۆكرەك كېرىپ، مەغرۇر قەدەم تاشلىماق.
كۆكرەك كېرىپ، ھەيۋە بىلەن تىكىلمەك.
كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقماق؛ كۆكرەك كېرىپ چىقماق.
كۆكسى-قارنى كەڭ؛ كەڭ قۇرساق.
كۆككە تاقاشقان دەرەخنىڭ يىلتىزى بولۇر، ئەل ئاتلىغان دەريانىڭ مەنبەسى بولۇر.
كۆك نامرات؛ پېقىرلىق؛ يوقسىزلىق؛ ناھايتى نامرات.
كۆك نامرات؛ ھېچنىمىسى يوق.
كۆكنى ياڭراتماق؛ ئاسماق-زىمىننى لەرزىگە كەلتۈرمەك.
كۆكنى ياڭراتماق؛ پەلەككە ياڭرىماق؛ يەر-جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرمەك.
كۆڭلۈك خۇش بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنى بىلىنمەس.
كۆڭلى ئارام تاپماق؛ كۆڭلى تىنماق؛ خاتىرجەم بولماق؛ شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىماق؛ نورمال ئەھۋال دەپ ھېسابلىماق.