ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆرەڭلەپ خۇدىنى بىلمەي قالماق؛ چوڭچىلىق قىلماق.
كۆرەڭلەپ كەتمەك؛ خۇشاللىقىدىن قېن-قېنىغا پاتماي قالماق.
كۆرەڭلەپ كەتمەك؛ كېرىلىپ كەتمەك؛ خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي كەتمەك، مۇ دېيىلىۇ.
كۆرەڭلەپ كەتمەك؛ ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەك؛ گىديىپ كەتمەك؛ خورىكى ئۆسۈپ كەتمەك.
كۆرسەتكەن خىزمىتىنى دەسمايە قىلىۋالماق.
كۆركەم-ھەشەمەتلىك بولۇپ كۆرۈنمەك.
(كۆركەم-ھەيۋەتلىك (بىنا-سارايلارنىڭ ھەشەمەتلىكىگە قارىتىلىدۇ.
كۆرگەن-بىلگىنى ئاز؛ ھېچنېمىدىن خەۋرى يوق.
كۆرگەن-بىلگىنى ئاز؛ ئىش كۆرمىگەن.
كۆرگەنلىكى ئادەم ماختىماق؛ كىشىلەرنىڭ ياخشى تەرىپىگە ئېرىشمەك.
كۆرگەننىڭ كۆزىگە سىڭىپتۇ، ئاڭلىغاننىڭ قۇلىقىغا؛ قۇلاققا سىڭىش بولۇپ قالماق؛ كۆزگە سىڭىپ قالماق.
كۆرمىگە ئىشقا كۆڭۈل بىئارام بولماس.
كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزماسلىق؛ قۇتقۇزماي قاراپ ئولتۇرماق.
كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە سالماق؛ قاراپ تۇرۇپ كۆرمەسلىك.
كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە سالماق؛ ئېتىبار بەرمەسلىك؛ پەرۋا قىلماسلىق.
كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز؛ ساناپ تۈگەتكۈسىز؛ كۆرۈپ تويمايدىغان.
كۆرۈپلا ئارقىغا داجىماق(خەۋپ ياكى قىيىن ئىشنى كۆرگەندە)؛ قىيىنچىلىق ئالدىدا كەينىگە چېكىنمەك.
كۆرۈپلا سۈر باسماق؛ كۆرۈپلا قورقۇپ كەتمەك؛ كۆرۈپلا ۋەھىمىگە چۈشمەك؛
كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەسلىك؛ كۆرۈپ تۈگىتەلمەسلىك.