ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆرۈمسىز؛ تەلەتى سەت؛ بەتبەشىرە.
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلماق؛ شەكلەن بويسۇنۇپ، ماھىيەتتە قارشىلىق قىلماق؛ ئىككى يۈزلىمىلىك قىلماق.
كۆرۈنۈشتە ئىناق، ئەمەلىيەتتە دىلى يىراق؛ كۆرۈنۈشتە رىزا، ئەمەلىيەتتە نىزا.
كۆرۈنۈشى كۈچلۈك، ماھىيىتى ئاجىز؛ كۆرۈنۈشىلا قورقۇنچلىق.
كۆرۈۋېرىپ كۆنۈپ قالماق؛ كۆزگە دائىم چېلىقىپ تۇرماق؛ دائىم ئۇچراپ تۇرماق.
كۆز ئالايتقانغىمۇ كۆز ئالايتىۋالماق؛ قىلچىلىك ئىشنىمۇ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك؛ ئىچى تارلىق؛ خۇسۇمەتچىلىك.
كۆز ئالايتماق؛ كۆزىنى چەكچەيتمەك؛ ھۈرپەيمەك.
كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتمەك؛ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەك .
كۆز باغلاپ، تاشنى ئاش قىلماق؛ يەڭ ئىچىدە ئۆزگەرتىۋالماق؛ ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتمەك.
كۆز بوياپ قۇتۇلماق؛ كۆز بويامچىلىق قىلىپ قۇتۇلماق.
كۆز بوياپ، ئۆتكەلدىن ئۆتىۋالماق.
كۆز بويامچىلىق قىلىپ مەقسەتكە يەتمەك.
كۆز بويىماق؛ ئاينى ئېتەك بىلەن ياپماق؛ خەقنىڭ كۆزىگە توپا چاچماق.
كۆز بويىماق؛ كۆز بوياقچىلىق قىلماق.
كۆز تىكىپ كۈتۈپ تۇرماق؛ تۆت كۆز بىلەن كۈتمەك.
كۆز قاماشماق؛ كۆز ئالا چەكمەن بولۇپ قالماق.
كۆز قىرىنى سالماسلىق؛ باشقا ياققا قارىماسلىق.