ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كۆپنىڭ كۈچى كۆپ.
كۆپنىڭ كۈچى كۆپ؛ ئادەم كۆپ بولسا، ئىش توشۇماپتۇ؛ كۈچ ئۆملۈكتە.
كۆپنىڭ كۈچى؛ كۆپنىڭ غەيرىتى.
كۆپنىڭ كۈچىگە تاغمۇ چاق كەلمەس.
كۆپنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالماسلىق؛ ھەممە كۆز-قولاق بولماق .
كۆپنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق.
كۆپنىڭ ئىشىغا كۆيمەك؛ ئادالەت يولىدا جان پىدا قىلماق.
كۆپ ئوقۇغان كۆپ بىلەر.
كۆپ ئوقۇغان موللا بوپتۇ.
كۆپ ئۆزگىرىش بولماق؛ كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرماق.
كۆپ ۋە كۆركەم؛ مول ۋە ھەشەمەتلىك.
كۆپ ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار.
كۆپ يىللىق قوشنا تۇغقان بولۇر.
كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق؛ جۇشقۇنلۇق؛ غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرماق.
كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق؛ روھىي كۆتۈرۈلمەك.
كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان.
كۆچەتكە پەرۋىش كېرەك، بالىغا تەربىيە (كېرەك).
كۆچەتنى يۆلىمىسەڭ ئەگرى چوڭ بولىدۇ.
كۆچەت ئۆسۈپ سايە تاشلىماق (قىزنىڭ ياتلىق بولۇپ، بالىلىق بولغانلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ).
كۆرە-كۆرە كۈنۈپ قالماق؛ كۆزگە سىڭىشىپ قالماق.