ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كەچ يېتىپ، سەھەر تۇرماق؛ كېچە-كۈندۈز دېمەي ئىشلىمەك.
كەسكىن؛ قەتئىي؛ كەسكىنلىك بىلەن.
كەسكىنلىك بىلەن؛ قەتئىيلىك بىلەن؛ ھېچبىر ئىككلەنمەستىن.
كەسكىن ئىشلىمەك؛ غاچ-غۇچلا بىر تەرەپ قىلماق؛ ئال پىچاقنى كەس قۇلاقنى.
كەشىنىڭ تېڭى يوق، چاپىنىنىڭ يېڭى.
كەڭ قورساقلىق؛ كۆكسى-قارنى كەڭ؛ ئوچۇق كۆڭۈل.
كەڭ قوللۇق قىلماق؛ سېخىيلىك قىلماق.
كەڭ قۇرساق بولماق؛ كەڭچىلىك قىلماق.
كەڭ كۈلەمدە بۇزۇپ، كەڭ كۈلەمدە تىكلىمەك.
كەلسە-كەلمەس گەپ قىلما ئۇچرىغان ئادەمگە، بىلە-بىلمەي ئارىلاشما كۆرگەن جېدەلگە.
كەلكۈن سۇ، يىرتقۇچ ھايۋان( دەھشەتلىك بالايىئاپەتكە تەمسىل قىلىنىدۇ ).
كەلكۈن ھەرقانچە زور بولسىم، ئۆردەكنىڭ دۈمبىسىدىن ئاشالماس.
كەلگەننى رەت قىلماسلىق؛ خەقنىڭ مۇراجىتىنى رەت قىلماسلىق.
كەلگەنىكەنسەن، خاتىرجەم بول؛ كەلتۈرگەندىكىن خاتىرجەم بول.
كەلگۈچنىڭ نىيىتى ياخشى ئەمەس، نىيىتى ياخشىسى كەلمەس.
كەلگۈسى كۈنلەر ئۇزاق؛ بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم؛ جاھاننىڭ مۇرادى ئۇزۇن.
كەلگۈلۈك ھەممىدىن ئاۋال كەلمەك؛ كۆرگۈلۈكنى ھەممىدىن ئاۋال كۆرمەك. ھەممنىڭ ئالدىدا تۇرماق.
كەمبەغەل ئادەم ئىرادىلىك كېلىدۇ.
كەمبەغەلدىن تۇغقانمۇ قاچىدۇ.