ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قىيما-چىيما بولۇشتىن قورقىمىغا خاننى ئاتتىن چۈشۈرەلەيدۇ.
قىيما-چىيما قىلىنىشتىن قورقمىغان خاننى ئاتتىن چۈشۈرەلەيدۇ.
قىينچىلىق بوش ئادەمنى بوزەك قىلۇر.
قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەك؛ ناچار شارائىتتىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنمەك.
قىيىندىن قېچىپ، ئاسىنىغا يۈگۈرمەك.
قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
قيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
كاپشىماق؛ جاۋىلدىماق؛ ۋالاقلىماق؛ مەدداھلىق قىلماق؛ قۇتراتقۇلىق قىلماق.
كاتتا داڭ چىقارماق؛ چوڭ ئابروي قازانماق؛ ئابرويى كۆتۈرۈلمەك؛ ھەممە يەرگە داڭقى كەتمەك.
كاتتا ئىلتىپات كۆرسەتمەك؛ئىلتىپاتلىرىدا؛ دۆلەتلىرىدە.
كاتتىلارنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالماق.
كارامەت پىكىر؛ چوڭقۇر مۇلاھىزە.
كارامەت ياسالغان؛ ئاجايىپ نەپىس ئىشلەنگەن؛ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان.
كارامىتىنى كۆرسەتمەك؛ تالانتىنى كۆرسەتمەك؛ كارامىتىنى ئىشقا سالماق.
كارى چاغلىق ئىش؛ جىددىي بولمىغان ئىش.
كاس-كاسلىق؛ ۋالاقتەككۈر؛ ئاچچىق گەپ قىلماق؛ تىكەنلىك گەپ قىلماق.