ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كەمبەغەل كەمبەغەلنىڭ قاياشى.
كەمبەغەلنىڭ تەرى-باينىڭ ئېشى.
كەمبەغەلنى ئىتمۇ بوزەك ئېتىدۇ.
كەمبەغەل يەر تېرىمىسا، باي ئاچلىقتىن ئۆلەر.
كەمتەر ئادەم؛ كىچىك پېئىل ئادەم. ياخشىچاق.
كەمتەر ئادەم ئوننى بىر دەيدۇ، داغۋاز ئادەم بىرنى ئون دەيدۇ.
كەمتەر بولساڭ ئۆسەرسە، مەغرۇرلانساڭ غۇلارسەن.
كەمتەر، كىچىك پىئىل؛ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتماق.
كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلىماق.
كەمتەر ۋە كەڭ قورساق؛ تولىمۇ كەمتەر.
كەمچىلىك-خاتالىقى كۆرسىتىپ بېرىلسە خاپا بولماسلىق.
كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان؛ ئاز تېپىلىدىغان.
كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان؛ تېپىلغۇسىز.
كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان نەرسە؛ قىممەت باھالىق نەرسە؛ نادىر نەرسە؛ تېپىلماس گۆھەر؛ بىباھا تەۋەرۈك.
كەم-كۈتسىز؛ سېپى ئۆزىدىن؛ ئەينى بويىچە؛ شۇ پېتىچىلا.
كەم ئۇچرايدىغان پۇرسەت؛ مىڭ تەسلىكتە كەلگەن پۇرسەت.
كەيپ-ساپا، ئەيش-ئىشرەت.
كەيپىنى ئۇچۇرماق؛ پەيزىنى كەتكۈزمەك.
كەيپى ئۇچماق؛ سولىشىپ كەتمەك؛ روھى چۈشمەك.
كەيپى ئۇچماق؛ ھەۋىسى قايتماق؛ رايى يانماق؛ كۆڭلى سۇۋۇپ كەتمەك.