ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
كالا باققان سۈت ئېچە، ئات باققان ئات مىنەر.
كالا تۈكىدەك جېق؛ ساماندەك؛ ئىتنىڭ قۇرتىدەك.
كالا قۇيرۇقى كۆتىنى يوشۇرالماس.
كالا ئۇسسىسا ئۆستەڭگە چاپىدۇ.
كالا ئۆلتۈرىدىغان پىچاقتا توخۇ ئۆلتۈرۈش نە ھاجەت.
كالپۇك بولمىسا چىش تۇڭلايدۇ؛ چىش كالپۇكنى ئاسرايدۇ، كالپۇك چىشنى ساقلايدۇ (پايدا زىيان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن يېقىنلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ) .
كالتەكنى تاشلىساڭ ئىت چىشلەيدۇ.
كاللا دېسە پاقالچاق دېمەك؛ تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاب بەرمەك.
كاللىسىدا بىرەر ئوي ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولماق؛ بىر دىنلا خىيالىغا كەلمەك.
كاللىسىغا سىڭىپ قالغان قاراش؛ كۆڭۈلگە پۈكۈپ قويغان ئوي-پىكىر.
كالىنى كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ سويماق؛ ھۈنەر-كەسىپتە كامالەتكە يەتمەك.
كالىنىڭ قۇلىقىغا غېجەك چالماق؛ ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالماق.
كالىنىڭ مۈڭگۈزى ئۆسكەنسېرى ئەگرى بولۇر، باي بېيىغانسېرى ئاچ كۆز بولۇر.
كامالەتكە يەتمەك؛ بابىغا يەتمەك؛ ۋايىغا يەتمەك؛ كامال تاپماق.
كامالىغا يەتمەك؛ قىيامىغا يەتمەك.
كانىيى يىرتىلغىچە ۋارقىرىماق؛ جېنىنىڭ بارىچە جار سالماق.
كاۋا ھېچقاچان قوغۇن بولماس.
كەپىدىن سارايغا چىقماق؛ مەرتىۋىسى ئۆسمەك.
كەتمەن چاپساڭ ئاقىدۇ تەر، تەردىن يېتىلىدۇ ئىشچان ئەر.
كەچۈرگىسىز جىنايەت؛ كەچۈرگۈسىز گۇناھ.