ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قىشتا يوقاپ كەتكەن تومۇزغىدەك جىمىپ كەتمەك؛ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك؛ زۇۋانى تۇتۇلماق.
قىلالمايدىغان ئىشقا زورلىماق؛ قارىغۇنى ياردا قىستىماق؛ قىينىماق.
قىلتىرىقتىن قورقۇپ، بېلىق يېمەپتۇ؛ قۇشقاچتىن قورقۇپ، تېرىق تېرىماپتۇ؛ گېلىغا تۈرۈپ قېلىشتىن قورقۇپ، تاماق يېمەپتۇ؛ يۈرەكسىزلىك؛ جىگەرسىزلىك.
قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق؛ قىلچە بىخەستەلىك قىلماسلىق؛ پۈتۈن دىققىتى بىلەن.
قىلچە تەۋرەنمەسلىك؛ تەۋرەنمەي چىڭ تۇرماق.
قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالىماق.
قىلچە نوقسان يوق.
قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىمەي، باشقىلارنىڭلا مەنپەئەتىنى كۆزلىمەك.
قىلدەك؛ قىلچىلىك؛ كىچىككىنە.
قىلدىن كەتسەڭ، قىرىقتىن كېتىسەن.
قىلدىن كەتسەڭ، قىرىقتىن كېتىسەن؛ بىر يېڭىلىشىش بىلەن پۈتۈن ئىش بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
قىلدىن كەتسەڭ. قىرىقتىن كېتىسەن؛ زەررىچەسەۋەنلىك زور ئوڭۇشسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
قىلساڭ ھېسابىنى ئىنچكە، ئوزۇق-تۈلۈكۈڭ بولۇر يەتكۈچە.
قىل سىغمايدىغان پىكىر؛ ئۆزگەرمەس ھۆكۈم.
قىلغان-ئەتكەن؛ قىلمىش-ئەتمىش.
قىلغان ساۋابلىق ئىشىنىڭ سانى يوق؛ قوشقان تۆھپىسى چەكسىز.
قىلغان سۆزى ماقالە بولۇپ چىقماق؛ سۆزمەنلىك؛ ناتىقلىق.
قىلغان ئىشى بىكارغا كەتمەك؛ ئەجرى يوققا چىقماق.
قىلغۇچىغا قاراڭغۇ، كۆرگۈچىگە روشەن؛ ئۆزىگە قاراڭغۇ. ياندىكىلەرگە ئايان.
قىلغىنىم قىلغان، ھېچكىم چېقىلالمايدۇ.