ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قىلمايدىغان ئەسكىلىكى يوق؛ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماسلىق.
قىلمايدىغان نېمىسى بار؛ بۇنداق ئىشنى قىلماي نېمە قىلغۇلۇق؛ بۇنداق ئىشنى ئەلۋەتتە قىلغۇلۇقتە.
قىلمىغان ئەسكىلىكى يوق؛ ھەرقانداق يامانلىقتىن يانماسلىق؛ ھەرقانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلماق.
قىلمىغان ياخشىلىقى قالماسلىق؛ چەكسىز غەمخورلۇق قىلماق.
قىلنى قىرىق يارماق؛ ئۇجۇر-بۇجۇرغىچە بىلمەك؛ يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلمەك؛ ھېچنېمىنى كۆزدىن قاچۇرماسلىق.
قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ كىچىكتۈرگۈسىز.
قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ ئۈزۈلۈپ قېلىشقا تاس قالماق. ئاڭلىنار-ئاڭلانماس.
قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال.
قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ ئىنتايىن خەۋپلىك ئەھۋالدا قالماق.
قىلىچ قىنىدا ياتسا، دات باسىدۇ.
قىلىچلار سۇغۇرۇلغان، كىرىچلەر تارتىلغان؛ بىر-بىرىگە قول سېلىش ئالدىدا تۇرماق.
قىلىشقا تېگىشلىك نى-نى ئىشلار بار؛ نى-نى ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كەلمەك.
قىمار سورۇنىدا يۈز-خاتىرە بولماس.
قىمارۋاز ئاتىسىغىمۇ يول بەرمەس.
قىمىر قىلماسلىق؛ قېقىپ قويغان قوزۇقتەك تۇرماق.
قىمىرلىماي تۇرۇپ قالماق؛ تىك قارىيالماسلىق.
قىمىرلىماي مەزمۇت تۇرماق؛ زەبەردەس قەد كۆتۈرۈپ تۇرماق.
قىن-قېنىغا پاتماي كەتمەك؛ يايراپ كەتمەك.
قىيامەتلىك دوست؛ ئۆمۈرلۈك دوست؛
قىيسايماق؛ قىڭغىر-قىيسىق بولۇپ قالماق.