ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قېيناتامنىڭ قېيناتامغا راست، قېينانامنىڭ قېينانامغا؛ ھەر كىمنىڭ سۆزى ئۆزىگە راست.
قېيىقتا ئولتۇرۇشۇڭ مەھكەم بولسا، دولقۇن ئۇرۇشتىن قورقما.
قېيىق ماڭىدۇ سۇدا، ئادەم ماڭىدۇ يولدا.
قىپقىزىل يالغانچىلق؛ ئۇچىغا چىققان كاززاپلىق.
قىپيالىڭاچ؛ ئانىدىن تۇغما،
قىچىشقان يەردە پىت بار. قورققان يەردە جىن.
قىران چاغلار؛ ئوتتۇز ياش.
قىرانىغا يەتمەك؛ ئاق-قارىنى پەرقئېتىدىغان بولماق.
قىراۋدىن كېيىن ھاۋا ئوچۇق بولۇر، قاردىن كېيىن ھوسۇل مول بولۇر.
قىرونى كۆرۈپ مۇزنى قىياس قىلماق؛ شەپىنى كۆرۈپ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق.
قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.
قىز بالا چوڭ بولغۇچە مىڭ خىل ئۆزگىرەر، ئۆزگەرگەنسېرى تولۇپ ئاي كۆرۈنەر.
قىزغىنلىق پەلەككە يەتمەك؛ قاينام-تاشقىنلىق.
قىزىقچىلىق قىلماق؛ ھەييارلىق قىلماق.
قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي.
قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا؛ دارىتىپ ئېيتماق.
قىستا-قىستاڭ؛ تىقما-تىقماق.
قىستا-قىستاڭچىلىقتا قالماق؛ قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتمەك؛ مىغ-مىغ بولۇپ كەتمەك.
قىشتا يازنىڭ، يازدا قىشنىڭ غېمىنى قىل.