ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قېرى تۇلپار ئېغىلدا تۇرسىمۇ، كۆڭلى يولدا؛ تۇلپار قېرىسىمۇ تۇيىقى سوۋۇماپتۇ.
قېرى-چۈرى ۋە ئاجىز مېيىپلار؛ قېرى-چۈرى، ئاغرىق-سىلاقلار.
قېرىغاندا تايانچىسىز قالماي دېسەڭ بالا باق، قىيىن كۈنلەردە ئاچ قالماي دېسەڭ ئاشلىق يېغ.
قېرىغاندىمۇ قېرىلىققا تەن بەرمەپتۇ.
قېرىغانسىرى جۇشقۇن بولماق؛ ئۆزى قېرىسىمۇ غەيرىتى ئۈستۈن بولماق.
قېرى قۇشقاچ كېپەككە ئالدانماس.
قېرى كالا سول تونۇيدۇ، قېرى ئېشەك يول.
قېرى كالىنىڭ گۆشىنى چاينماق كېرەك، قېرى ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلىماق كېرەك.
قېرىلارنى يۆلەپ، بالىلارنى يېتىلىمەك؛ قېرى-چۆرىلەر ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماق.
قېرىلار ۋە نامراتلارغا غەمخورلۇق قىلماق؛ قېرى-چۈرى، غېرىب-غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىلىماق.
قېرىلىقىنى پەش قىلماق؛ ساقىلىنى پەش قلماق؛ يېشىنى دەسمايە قىلىپ چوڭچىلىق قىلماق؛ ستاژىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتماق.
قېرىلىق يەتمەك؛ قېرىپ پۇت-قولى ئېغىرلىشىپ قالماق؛ قېرىپ ھالسىزلىنىپ قالماق.
قېرى مىجەز؛ روھسىز. ئۆزى كىچىك، قىلىقى چوڭ؛ چوڭ سۈپەت.
قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ماجىرا؛ ئىچكى جېدەل-ماجىرا.
قېرىنداشلارچە؛ ئاكا-ئۇكىلاردەك.
قېلىپى قانداق بولسا، خىشى شۇنداق چىقىدۇ.
قېلىن قارمۇ ئېگىز تاغنى مىجىيلماس.
قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس.
قېلىن ئۆسۈپ كەتمەك؛ بۈككىدە ئۆسمەك؛ باراقسان.
قېنى ئۇرغۇپ تۇرماق؛ غەيرەت-جاسارىتى جۇش ئۇرۇپ تۇرماق.