ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قۇرۇق ئاتاققا بېرىلمەسلىك.
قۇرۇق ئاتاققا ئىگە بولماق؛ قۇرۇق نامىلا بار.
قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرالماس.
قۇرۇق تېرە تاراقشىتماق؛ قۇرۇق ھەيۋە قىلماق؛ قۇرۇق پوپۇزا قىلماق.
قۇرۇق چەك؛ قۇرۇق ئەمچەك؛ قۇرۇق ۋەدە.
قۇرۇق خىيال؛ خام خىيال؛ ئەمەلگە ئاشماس قۇرۇق ئوي.
قۇرۇقداپ قويماق؛ قۇرۇقدىلىپ قالماق؛ھېچنېمىنى قويماي تۈگىتىۋەتمەك؛ ھەممىنى ۋەيران قىلىۋەتمەك.
قۇرۇق داۋراڭ سالماق؛ قۇرۇق گەپ ساتماق؛ قۇرۇق گەپ.
قۇرۇق دەرەخنىڭ مېۋىسى يوق، قۇرۇق گەپنىڭ قىممىتى (يوق)
قۇرۇق سۆلەت بەگزادە.
قۇرۇق قول.
قۇرۇق قول بىلەن ئىش باشلىماق؛ قۇرۇق قول بىلەن ئىگىلىك تىكلىمەك؛ قۇرۇق چاقماختىن ئوت چىقارماق.
قۇرۇق قول بىلەن ئىگىلىك تىكلىمەك.
قۇرۇق گەپ بىلەن تولغان ئۇزۇن ماقالە؛ گەپ ساتماق؛ پەلسەپە ساتماق؛ سەپسەتە ساتماق.
قۇرۇق گەپ ساتماق؛ پەلسەپە ساتماق.
قۇرۇق گەپ سېتىپ، كىشىلەرنى ئاغزىغا قارتماق؛ گەپدانلىق قىلىپ باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالماق.
قۇرۇق گەپكە قورساق تويماس.
قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالماق؛ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالماق؛ قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالماق.
قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولماق.
قۇسۇرنى ئوڭشىماق؛ نوقساننى تۈزەتمەك.