ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىماق؛ دىققەت بىلەن قۇلاق سالماق؛ زەن قويۇپ ئاڭلىماق؛ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماق.
قۇلاقنى گاس قىلىۋەتكۈدەك؛ قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك.
قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغىراق ئوغرىلىماق؛ ئۆزىنى ئۆزى ئالدىماق.
قۇللارچە باش ئەگمەك؛ نۇمۇسسىزلىق بىلەن خۇشامەت قىلماق.
قۇلىغا قەلەم ئېلىپلا يېزىۋەتمەك؛ شارت-شۇرتلا قىلىپ يېزىۋەتمەك .
قۇلىقىغا قۇيۇپ قويماق؛ سەمىمىي تەربىيە بەرمەك؛ پىششىق تاپىلىماق.
قۇلىقى ئىتتىك، كۆزى ئۆتكۈر؛ چېچەن.
قۇلىقى يۇمشاق، كۆڭلى ساياق.
قۇم چېچەكلىگەندە؛ تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەككەندە.
قۇمدەك تارقاق؛ قۇمدەك چېچىلاڭغۇ.
قۇمدىن ئالتۇن ئالماق؛ شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ مېغىزىنى تاللىماق.
قۇمدىن ئالتۇن سۈزگەندەك؛ يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولىغاندەك.
قۇمدىن يىپ ئىشىپتۇ؛ قۇمدىن تاماق ئەتمەك.
قۇم-شېغىل تاشلاپ، ئۈنچە-مارجان ئالماق.
قۇمنى ئۇچۇرۇپ، تاشنى كۆچۈرمەك؛ قۇم-شېغىللار ئۇچۇپ يۈرمەك.
قۇم يىغىلىپ تاغ بولۇر، سۇ يىغىلىپ دېڭىز (بولۇر).
قۇۋ توشقاننىڭ ئۇۋىسى ئۈچ؛ قۇيرۇقىنى تۇتقۇزماسلىق.
قۇۋلۇق-شۇملۇقنى يەنە ئىشلەتمەك؛ كونا نەيرەڭنى قايتا ئىشقا سالماق.
قۇۋ؛ مۇغەمبەر؛ ھىيلىگەر؛ مەككار.