ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قوي يولۋاس تېرىسىنى يېپىنىۋالسىمۇ قوي؛ كۆرۈنۈشى قورقۇنۇچلۇق، ئەمەلىيەتتە كارامىتى يوق.
قۇتراتقۇلۇق قىلماق؛ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماق. ۋەقەنى ئۇلغايتماق.
قۇتلۇق كۈن، گۈزەل مەنزىرە.
قۇتىسىز كۈندە تۇغۇلماق؛ بەخىتسىز بولۇپ تۇغۇلماق؛ شور پېشانە.
قۇتىسىنى ئېلىپ ، مەرۋايىتىنى قايتۇرۇپ بەرمەك؛ شاكىلىنى ئېلىپ مېغىزىنى تاشلىۋەتمەك.
قۇچاق يەتمەس دەرەخ چوكىدەك كۆچەتتىن يېتىلىدۇ.
قۇدا-باجا بولۇشماق؛ توپلاشماق
قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، ئۈستىدىن تاش تاشلىماق؛ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك.
قۇدۇقنىڭ تىگىدە تۇرۇپ ئالەمنى كۈزەتمەك.
(قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا (كالتە پەملىككە تەمسىل قىلىنىدۇ.
قۇدۇق يېنىدا تۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقتىن زارلىنىپتۇ.
قۇرئان بىر خىل، تەپسىرە مىڭ خىل.
قۇربى يەتمەسلىكتىن ھەسرەتلەنمەك؛ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى بولمىغانلىققا ھەسرەتلەنمەك.
قۇرسىقىدا ئۇمىچى بار؛ بىلىملىك؛ پەم-پاراسەتلىك.
قۇرغاقچىلىقتا ياغقان يامغۇر ئۇسسىغان يەرگە تەگمەك؛ ۋاقتىدا جانغا ئەسقاتماق.
قۇرغاقچىلىقتا يامغۇرنىڭ قەرى ئۆتۈلەر، قاراڭغۇدا يورۇقلۇقنىڭ قەدرى ئۆتۈلەر.
قۇر-مىسرالىرىدىن چىقىپ تۇرماق؛ سۆز-ئىبارىلىرىدىن بىلىنىپ تۇرماق؛ قۇرلار ئارا.
قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالماق؛ قورايدەك بولۇپ قالماق؛جۈدەپ قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالماق.