ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قۇش تۈگىدى دەپ ئوقيانى يىغىشتۈرۈپ قويماق؛ ئېشەك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالغۇچە.
قۇشقاچ بالىسى سارغا تەڭ كېلەلمەس.
قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ، بەش ئەزاسى تولۇق بولىدۇ. ئۆزى كىچىك، لېكىن تولۇق.
قۇشقاچنىڭمۇ قەھرىتان سوغۇقتىن چىققۇدەك ئوزۇقى بولۇر.
قۇش قۇشلاپ، ئوۋ ئوۋلاپ يۈرمەك.
قۇشلارمۇ كونا ئوۋىسىنى تونۇيدۇ.
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى.
قۇشنىڭ قىممىت پېيىدە، ئادەمنىڭ قىممىتى ئەقلىدە.
قۇشنىڭ گۈزەللىكى قاناتتا، ئادەمنىڭ گۈزەللىكى تالانتتا.
قۇشۇن شەھەرگە قىستاپ كەلمەك؛ قورشاۋ ئاستىدا قالماق.
قۇشۇننى نازۇ نېمەتلەر بىلەن كۈتۈۋالماق؛ ئارمىينى قىزغىن كۈتۈۋالماق.
قۇش يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇشپۇراق چېچىپ تۇرماق.
قۇلاق سالماسلىق؛ ئۇ قۇلاقتىن كىرىپ، بۇ قۇلاقتىن چىقىپ كەتمەك.
قۇلاق كەستىلەر؛ بۇزۇق ناكەسلەر.
قۇلاقنى تۇپۇرۇۋالماق؛ قۇلاق سالماسلىق؛ ئاڭلىمىغانغا سالماق.