ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قۇۋۇققا ئوت كەتسە، خەندەكتىكى بېلىقنىڭ ھالىغا ۋاي؛ بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا.
قۇياش شەرقتىن كۆتۈرۈلمەك؛ شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك.
قۇياشنى ئېتەك بىلەن توسقىلى بولماس.
قۇيرۇق شىپاڭشىتماق؛ خوپ-خوپ دەپ تۇرماق؛ ھە-ھە دەپ تۇرماق.
قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يەم تىلىمەك؛ ۋىجداندىن كېچىپ نەپكە ئېرىشمەك؛ كۈچۈكلەنمەك.
قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ يېلىنماق؛ كۈچۈكلەنمەك.
قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىپتۇ.
قۇيرۇقىنى خادا قىلماق؛ تىكىۋەتمەك؛ قېچىپ كەتمەك.
قۇيرۇقىنى خادا قىلماق؛ غىپپىدە تىكىۋەتمەك.
قۇيرۇقىنى خاداقىلىپ؛ بەدەر قاچماق؛ تىكىۋەتمەك.
قۇيرۇق يوغىناپ كەتسە، ئۇنى باشقۇرۇش تەس بولىدۇ؛ قارىمىقىدىكىلەر كۆچىيىپ كېتىپ، ئۇنى باشقۇرالماي قالماق.
قۇيقا چېچى تىك تۇرماق.
قۇيقا چېچى تىك تۇرماق؛ جۇدۇنى ئۆرلىمەك.
قۇيۇپ قويغاندەك باب كەلمەك؛ دەل جايىدا بولماق.
قۇيۇپ قويغاندەك؛ بەئەينى؛ ئەينى ئۆزى؛ بىر قېلىپتىن چىققاندەك.
قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەك؛ ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنمەك.
قېرىئات چۆنەك بۇزماس.
قېرى ئات يول بىلىدۇ؛ ئىشنى كاداڭدىن سورا.
قېرىئات يولدىن ئازماس.
قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمەك. يوقالماق؛ تۈگەشمەك؛ توختاپ قالماق.