ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قولىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى قىلماق؛ قولىدىن كېلىشىچە غەمخورلۇق قىلماق؛ ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن خەيرىخاھلىق قىلماق.
قولىدىن كېلىدىغىنى؛ (پىششىق بىلىدىغان) ھۈنىرى؛ ئارتۇقچىلىقى.
قولىدىن كىلىدىغانلىكى ۋاستىنى ئىشقا سالماق؛ ۋاستە تاللىماسلىق؛ قولىدىن كىلىدىغانلىكى ئەسكىلىكلەرنى قىلماق.
قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان؛ قابىلىيەتسىز؛ كارغا يارىماس. جاپاغا تۇشلۇق ئىش يوق؛ جاپاغا لايىق نەتىجە يوق؛ بىھۇدە جاپا.
قولى سۇنۇقنىڭ دەردىنى قولى سۇنۇق بىلىدۇ؛ دەدداشلار بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ.
قولى شىپالىق؛ شىپالىق قول. ھە دېگەندىلا مەسىلىنى ھەل قىلماق.
قولىغا چىققاننى ئېلىپ ماڭماق؛ ئۇچرىغان نەرسىنى سوقۇۋالماق؛ ئوغرىلاپ كەتمەك.
قولى قولغا تەگمەك؛ يېتىشەلمەي قالماق؛ ئالدىراپ قالماق.
قولى گۈل؛ قولىدىن ئىش كېلىدىغان .
قول-ئىلكىدە ھېچنەرسە قالماسلىق؛ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق.
قولىنى سۇنۇپلا تۇتۇۋالماق؛ ھېچ گەپ ئەمەس؛ ئاسان ئىش.
قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلماق؛ يۈزە ئىش قىلماق؛ ئىشنى چالا قىلماق.
قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويماق.
قولى ئىشقا بارمايدىغان، زىرائەتلەرنى پەرق ئېتەلمەيدىغان.
قول يارىسى كېتەر، تىل يارىسى كەتمەس.
قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن يۈز ئۆرۈمەك؛ ۋاپاسىز قىلماق.
قوي تېرىسى بىلەن بۆرىنى نىقابلىغىلى بولماس.
قوي كاللىسىنى ئېسىپ قويۇپ، ئىت گۆشى ساتماق؛ قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە ساتماق.
قويماي قىرىپ تاشلىماق؛ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى قۇرۇتماق؛ تۈپ-يىلتىزىدىن قۇرۇتماق؛ ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتمەك.
قوي يوقالغاندىن كېيىن قوتاننى پۇختىلىساڭمۇ كېچىككەن بولمايسەن. كۆپىنچە دەپ قوللىنىدۇ.