ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قولغا ئاساسەن كەلمىگەن؛ قولغا كېلىشى ئاسان ئەمەس؛ ئاسانغا چۈشكەن ئەمەس؛ ئاسانغا توختىمىغان.
قولغا قەلەم ئېلىپلا يېزىپ پۈتتۈرمەك؛ بىر قەلەم بىلەنلا سىزىپ چىقماق.
قول قوشتۇرۇپ چەتتە قاراپ تۇرماق؛ چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرمەك؛ ئۆزىنى چەتكە ئالماق؛ بىر چەتتە تۇرۇۋالماق.
قول قوشتۇرۇپ قۇلچىلىق قىلماق؛ خۇشامەت قىلماق.
قول قوشتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتمەك.
قول قوشتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرماق.
قول قولنى يوسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ.
قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ.
قول قولنى يۇسا، قول يۈزنى يۇيار.
قولمۇ-قول؛ ئولاش-چولاش؛ ھە-ھۇ دەپ.
قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس.
قول ئۇچىدا ئىشلىمەك؛ يۈزە ئىش كۆرمەك؛ چالا-بۇلا ئىشلىمەك؛ بىپەرۋالىق قىلماق.
قول ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويماق؛ چالا-بۇلا ئىشلەپ قويماق.
قولۋاقنى كۆتۈرىغانمۇ سۇ، چۆكۈرىدىغانمۇ سۇ؛ خەلقنىڭ رايىنى ئۇتۇش ھەممىدىن مۇھىم.
قول ئېلىشىپ يارىشىپ قالماق؛ قول ئېلىشىپ ياخشىلىشىپ قالماق.
قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولماسلىق؛ قورالسىز.
قولىدىن كەلمەسلىك؛ قۇربى يەتمەسلىك.
قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا زورۇقماق.
قولىدىن كېلىدىغانلار كۆپرەك ئىشلىمەك؛ قابىللار كۆپرەك ئىشلمەك.