ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قوشۇمىسىنى بىر تۈرۈۋېدى، كۆڭلىگە ئەقىل كەلدى.
قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچام قىلماق.
قوشۇننى سىگنال بىلەن ئۇرۇش سېپىدىن قايتۇرۋالماق؛ ئۇرۇش توختىتىش سىگنال چالماق.
قوشۇننى ئىشقا سالماسلىق؛ قىمىر قىلماي تۇرۇۋالماق.
قوغلاپ يېتىشىۋالماق؛ تېز يېتىشىۋالماق.
قوغۇن ئالساڭ پوستىغا قارا، يىڭنە ئالساڭ تۆشۈكىگە قارا.
قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس، سۇ كەلسە ئېرىق ھاسىل بولۇر
قوغۇن تېرىساڭ قوغۇن ئالىسەن، پۇرچاق تېرىساڭ پۇرچاق؛ نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن.
قوغۇن ساپىقىدىن ئايرىلالماس، بالا ئانىسىدىن.
قوغۇنلۇقتا ئېڭىشمە، قۇلاق قېقىپ كېڭەشمە.
قوغۇننى تارتساڭ پېلىكى سۆرۈلۈپ چىقار.
قوقاس قايتا يانماق؛ قايتا باش كۈتۈرۈپ چىقماق؛ قايتا تېرىلمەك.
قولدىن چۈشۈرمەسلىك؛ يېنىدىن ئايرىماسلىق؛ كۆز قىيماسلىق.
قولدىن كەتكەن زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماق.
قولدىن كىتاب چۈشمەسلىك؛ كىتابنى قولىدىن چۈشۈرمەسلىك.
قول سوزۇپلا ئالماق؛ ئاسانلا قولغا كەلمەك؛ ئاسانلا ئەمەلگە ئاشماق.
قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە.
قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە.
قول سېلىپلا ئالماق؛ ئاسانلا قولغا كەلتۈرمەك.
قول شىلتىپ كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىمەك.