ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قورقۇپ بەدىنى شۈركىنىپ كەتمەك؛ قورقۇپ بەدىنى تىكەنلەشمەك؛ يۈرىكى جىغىلدىماق؛ يۈرىكى پوكۇلدىماق.
قورقۇپ جان-پېنى چىقىپ كەتمەك.
قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتمەك؛ ئەرۋاھى ئۈركۈپ كەتمەك؛ يۈرەكئالدى بولماق.
قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتمەك؛ ئەرۋاھى ئۈركۈپ كەتمەك؛ يۈرەكئالدى بولماق؛ دىر-دىر تىترىمەك.
قورقۇپ رەڭگى ئۆچۈپ كەتمەك؛ قورققىنىدىن تاتىرىپ كەتمەك.
قورقۇپ رەڭگى ئۆچۈپ كەتمەك؛ قورققىنىدىن تامدەك تاتىرىپ كەتمەك.
قورقۇتماق ۋە ئالدىماق؛ قىستىماق ۋە قىزىقتۇرماق؛ قورقۇتۇپ ۋە ئالداپ ئۆزىگە بويسۇندۇرماق.
قورقۇنچاقنىڭ قۇلىقى ئىتتىك.
قورۇنماسلىق؛ تارتىنماسلىق.
قورۇنماق؛ تارتىنىپ ئوڭايسىزلانماق؛ ئەيمەنمەك.
قوزا سەمرىسە ساغلىق ئورۇقلايدۇ.
قوزغىلاڭچى ئەزىمەتلەر. قاراقچىلار.
قوشقاچتىن قورققان بۇغداي تېرىماس.
قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك بول.
قوشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان، موللامنىڭ ئوتيېشى.
قوشناڭ قارىغۇ بولسا، كۆزۈڭنى قىسىۋال.
قوشنىسىغا ئورا كولىماق؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەك؛ ئاپەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماق.
قوشۇماڭنى بىرتۈرسەڭ، كۆڭلۈڭگە ئەقىل كېلىدۇ.