ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قەھرىتان سوغۇق؛ قاتتىق سوغۇق.
قەھرىتان سوغۇق؛ قاتتىق سوغۇق؛ سۆڭەككە ئۆتىدىغان سوغۇق؛ سوغۇق سۆڭەككە ئۆتمەك.
قەھرىمان جەڭدىن قورقمايدۇ، سۇيىقەستتىن قورقىدۇ.
قەھرىمانغا ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئورۇن بولماسلىق؛ تالانت ئىگىسىگە جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت بولماسلىق.
قەۋرە. ئەرزىمەس نەرسە؛ زاۋالغا يۈز تۇتقان نەرسە؛ بىر سىقىم خەس تۇپراق.
قەيەردە بولساڭ شۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش قىل؛ ئەلگە بارساڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
قەيسەرلىك؛ تىز پۈكمەسلىك.
قەيسەر ھەم ھەققانىيەتچىل.
قوبۇل قىلغۇدەك يېرى يوق؛ يارىغۇدەك يېرى يوق؛ قوبۇل قىلغۇچىلىكى يوق؛ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق.
قوپال گەپ قىلماق؛ بەتسۇخەنلىك قىلماق.
قوتازنىڭ بىر تال تۈكى؛ دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى زەررىچە؛ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس.
قوتۇر ئېشەك بەگكە ياراشماس، كۆيۈك نان داستخانغا (ياراشماس).
قوداينىڭ ئىستىكىنى قۇشقاچ نە بىلسۇن؛ نادان ئاقىلنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلمەس.
قوراللارنى تەخلەپ، ئاتلارنى توقۇپ قويماق؛ جەڭگە جىددى ھازىرلىق كۆرمەك.
قورالنى باشقا قويۇپ ياتماق؛ دائىم تەييار تۇرماق.
قورالنى ياندىن ئايرىما، ئېگەرنى ئاتتىن ئايرىما.
قورال-ياراغلارنى تاشلاپ قاچماق؛ پاتىپاراق بولۇپ قاچماق.
قورال-ياراغنى يەنە ئىشقا سالماق؛ يېغىلىق يەنە باشلانماق.
قورساق ئاچقاندا خام كۆمەچمۇ تاتلىق، قورساق تويغاندا بەتتە پولۇمۇ ئاچچىق.
قورساق توق، غەم يوق؛ ئادەملەر ئامان-ئېسەن، تۇرمۇش باياشات بولماق؛ ئەل ئامان، تۇرمۇش پاراۋان.