ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قورساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.
قورساقنى مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ تاغمۇ توشىمايدۇ.
قورسىقى ئاچ تاماق تاللىماس؛ ئاچ نېمىنى يېمەس.
قورسىقى ئاچقان تاماق تاللىماس، ئۇچىسى توڭغان كىيىم (تاللىماس).
قورسىقى توق مۈشۈك چاشقان تۇتمايدۇ.
قورسىقىدا جىن بار.
قورسىقىدىكى شۇملۇقنى بىلىۋالماق.
قورسىقى كەڭ ئەر سانىلار؛ قورسىقى تار ئەر ئەمەس.
قورسىقىڭ ئاچقاندا خام كۆمەچمۇ تاتلىق.
قورسىقىڭ تويغاندا دېھقاننى ئۇنتۇپ قالما.
قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيشتىن قورقما.
قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما.
قورسىقىنى تويغۇزۇۋېلىپ، كۈن بويى بەخىرامان يۈرمەك؛ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىلابىلىپ، ھېچنېمە بىلەن كارى بولماسلىق.
قورسىقىنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما.
قورغاننى مۇستەھكەملىمەك. چىڭ مۇداپىئە كۆرمەك. چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىماق.
قورققانغا قوش كۆرۈنەر.
قورققانغا قوش كۆرۈنەر،كۆلەڭگىسى بەش؛ ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈمەك.
قورققىنىدىن شۈركىنىپ كەتمەك؛ قورقۇپ تىترەپ كەتمەك
قورقۇپ ئالغا باسماسلىق؛ يۈرەكسىز قىلىپ ئىلگىرىلىمەسلىك؛ ئارىسىالدى بولۇپ توختاپ قالماق.
قورقۇپ ئەرۋاھى ئۇچۇپ كەتمەك؛ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويماق؛ قاتتىق پەرىشان بولماق.