ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قاقشال دەرەخ، ئوتى ئۆچكەن كۈل؛ كۆڭۈل سۇنغۇنلۇق.
قالايمىقان چېچىلىپ ياتماق؛ ئوڭتەي-توڭتەي تۇرماق.
قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، ئەلنى ئامان قىلماق؛ ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئەلنى خاتىرجەم قىلماق.
قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشىماق.
قالايمىقان؛ مالىماتاڭ؛ تەرتىپسىز؛ رەتسىز؛ بىسەرەمجان.
قالتىس ئامەت؛ كارامەت بەخىت؛ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەك.
قالتىس ئەقىل؛ كارامەت تاكتىكا.
قالتىس قىزىپ كەتمەك؛ ئەۋجىگە چىقماق؛ قىزغىن كەيپىيات قايناپ تاشماق.
قالدى-قاتتى يەر؛ قېپقالغان زىمىن.
قالغان چالا-باشقا بالا؛ تۈگىمەس بالاغا قالماق.
قاما تۇماققا ماتا تاش؛ قاما تۇماقنىڭ كەم يېرىنى ئىت تېرىسى بىلەن تولدۇرماق.
قاما كىيگەن، يورغا مىنگەن؛ كېيىشى تۈلكە جۇۋا، مىنىشى تۇلپار-يورغا.
قاملاشمىغان؛ كەلسە-كەلمەس؛ بولار-بولماس؛ ياخشى يامان.
قاملاشمىغان؛ ھېچنېمىگە ئوخشىمايدىغان؛ يا گۆش ئەمەس، يا بەز.
قامىتى كېلىشكەن. ئىشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىشلىمەك. تىنىچ-ئامان بولماق.
قانائەت ھاسىل قىلماق؛ رازى بولماق؛ مەمنۇن بولماق.
قاناتسىز ئۇچۇپ كەتمەك؛ غايىپ بولۇپ كەتمەك. خەۋەر تىز تارقالماق؛ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچمەك.
قانات-قۇيرۇقى يېتىلمەك؛ ئۇچۇرما بولماق؛ پىشىپ يېتىلمەك.
قانات-قۇيرۇقى يېتىلمىگەن؛ پىشىپ يېتىلمىگەن.