ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتاي دېسەڭ، ئوچاقنىڭ ئوتىنى تارت.
قازىنىڭدا ئاش بولسا، كۆڭلۈڭ توق تۇرىدۇ.
قازىنىڭدا ياغ بولسا،چۆمۈچۈڭمۇ ياغ بولۇر.
قاسساپنىڭ قېشىغا بارساڭ قوينىڭ گېپى، دەللالنىڭ قېشىغا بارساڭ توينىڭ گېپى.
قاسساپنىڭ ئىشىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئاغزىنى چاكىلداتماق؛ ئاغزىنى تاتلىق قىلماق؛ تاماخور.
قاس-قۇس؛ تاراس-تۇرۇس؛ تاراسلاپ (ئىش ھەرىكەتنىڭ تېز ۋە شىددەتلىك بولغانلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ.
قاشاڭ ئات كۈچىسە، مەنزىلگە يېتىدۇ.
قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرىسىدا؛ يېقىنلىشىپ قالماق.
قاشتېشى ئويۇلمىغىچە، ئىسكەتكە كىرمەس.
قاش-كۆزىنى ئويناتماق؛ قاش ئاتماق؛ كۆز قىسماق.
قاش-كۆزىنى ياساپ قويماق؛ باشقا تۈسكە كىرىۋالماق.
قاغا سۇمۇرۇغ توپىغا قوشۇلماس.
قاغا ئېيتار: ئاپئاق بالام، كىرپە ئېيتار: يۇمشاق بالا.
قاغىنىڭ قانىتى قۇياش نۇرىنى توسالماس.
قاقاس تاغ-ئاپەت سۇ؛ ناچار تەبىئىي شارائىت.
قاقشاپ يۈرمەك؛ ھال ئېيتماق؛ توختىماي زارلانماق.
قاقشاتقۇچ زەربا بەرمەك؛ قاتتىق زەربە بەرمەك.
قاقشاق دەرەخ يېڭىۋاشتىن كۆكەرمەك؛ قايتىدىن جان كىرمەك.