ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قەدەھلەر موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرماق؛ كۆڭۈللۈك بەزمە.
قەددى-قامىتى ئىنتايىن كېلىشكەن؛ راۋۇرۇس.
قەد كۆتۈرگەندە ئەسلىڭنى ئۇنتۇما، كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كۆۋرۈكنى بۇزما.
قەدىر ئەھۋال؛ ھەر ھالدا يامان ئەمەس؛ خېلى جايىدا.
قەدىمدىن بولۇپ باقمىغان؛ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان.
قەدىمكىدىن پايدىلىنىپ، بۈگۈنكىنى ئەيىبلىمەك.
قەدىمكىدىن پايدىلىنىپ، بۈگۈنكىنى مەسخىرە قىلماق؛ ئۆتمۇشنى شېپى كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى زاڭلىق قىلماق.
قەدىمكى زاماندىمۇ، ھازىرقى زاماندىمۇ، جۇڭگۇدىمۇ، چەتئەللەردىمۇ.
قەدىمكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىرقىغا سەل قارىماق.
قەدىمكىنى بۈگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماق.
قەدىمكىنى مەدھىيلەپ، ھازىرقىنى يوققا چىقارماق.
قەدىمكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۈگۈنكىنى ئىنكار قىلماق؛ قەدىمكىسى توغرا، ھازىرقىسى خاتا دېمەك.
قەدىمكىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ھازىرقىنى ئىسپاتلىماق.
قەدىمكىنى ھازىرقىغا تەتبىق قىلالماسلىق.
قەدىمكىنى ھازىرقىغا نەقىل كەلتۈرمەك؛ ئۆتمۈشنى بۈگۈنكىگە نەقىل كەلتۈرمەك.
قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئىشلاردىن مول بىلىمگە ئىگە بولماق؛ دانىشمەنلىك.
قەرزدار پۇلغا قەرز، قاتىل جانغا قەرز.
قەرز سورىماق شەھەر سورىماقتىن تەس.