ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قانات ياساپمۇ ئۇچۇپ كېتەلمەسلىك؛ زادى قېچىپ قۇتۇلالماسلىق.
قان بۇلدۇقلاپ ئاقماق؛ قان سۇدەك ئاقماق.
قان بىلەن گۆشتەك؛ سۆڭەك بىلەن گۆشتەك بىرلىشىپ كەتمەك؛ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەت.
قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەت؛ قان بىلەن گۆشتەك زىچ باغلانماق.
قانچە سورىسىمۇ ئېغىر كۆرمەسلىك.
قانچە كۆپبولسا، شۇنچە ياخشى.
قان چىقارماي جان ئالماق؛ ئىز قالدۇرماي قاتىللىق قىلماق.
قانداقتۇر چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنماق؛ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالماق.
قانداق قىلىشنى بىلمەي قالماق؛ كىمگە ئەگىشىشنى بىلمەي قالماق؛ كىمنىڭ گېپىگە كىرىشىنى بىلمەي قالماق؛
قانداق قىلىشىنى بىلمەي قالماق؛ باش قاتماق؛ گاڭگىراپ قالماق.
قان قەرزى-جا قەرزى، مال قەرزى-پۇل قەرىز.
قان كېچىپ جەڭ قىلماق؛ قانلىق جەڭ قىلماق.
قانلار دەريا بولۇپ ئاقماق.
قانلىق ئىنتىقام-چوڭقۇر ئۆچمەنلىك.
قانۇن بويىچە ئالىي جازا بەرمەك.
قانۇنغا بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلماق؛ قانۇن بىلەن ئويناشماق.
قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىشقا ئۇرۇنماق؛ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەك.
قانۇننى ئۆلچەم قىلماق؛ قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەك.
قانۇن-ئىنتىزام بىكار قىلىنماق.