ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قايتىدىن تۆرەلمەك؛ باشقىدىن ئادەم بولماق؛ تۈپتىن ئۆزگەرتمەك.
قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقماق؛ كۈننىڭ سېرىقىنى يەنە كۆرمەك؛ زۇلمەتلىكتىن قۇتۇلۇپ، يورۇقلۇققا چىقماق.
قايتىشقا تاقىتى تاق بولماق؛ قايتىشقا ئالدىرىماق.
قايسى بىر چاغلاردا؛ تېخى يېقىن ئارىدىلا؛ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا.
قايغۇ-ئەلەمدىن كۆكسى غەزەپ-نەپرەتكە تولماق؛ غەزەپ-نەپرىتى قايناپ تاشماق.
قايغۇنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرماق.
قايغۇنى قايتا ئەسلەپ قاتتىق ئازابلانماق.
قايغۇ ۋە خۇشاللىق، ئايرىلىش ۋە قوشۇلۇش؛ ھىجران قايغۇسى ۋە ۋىسال شادلىقى.
قاينام-تاشقىنلىق؛ غايەت ھەيۋەتلىك.
قايناۋاتقان سۇنى سورۇپ توختاتماق؛ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلماسلىق.
قايىتدىن باش كۆتۈرمەك؛ يىڭىباشتىن مەنسەپ تۇتماق.
قەتئى نىيەتكە كەلمەك؛ جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ ئېلىشماق.
قەتئى ئىرادە ئالدىدا تاشمۇ تالقان بولىدۇ؛ قەتئى ئىرادە ھەممىنى يېڭىدۇ. چىن سەمىمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، تاش يۈرەكمۇ تەسىرلنىدۇ.
قەتئىي تەۋرەنمەسلىك؛ ئىگىلمەس-سۇنماس؛ قەيسەرلىك.
قەتئىي تېنىۋالماق.
قەتئىي چىڭ تۇرماق؛ مىدىر-سىدىر قىلماي تىك تۇرماق.
قەتئىي رەت قىلماق؛ ھەرگىز قۇبۇل قىلماسلىق.
قەدەم تەكشى بولماق؛ بىردەك قەدەم تاشلىماق؛ تەكشى قەدەم تاشلىماق.
قەدەمدە بىر ئىستىھكام قۇرماق؛ پەخەس بولماق؛ ھوشيار بولماق؛ ئىشنى پۇختا قىلماق.
قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلىمەك؛ پەيدىنپەي ئالغا باسماق.