ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قاتتىق نەپرەتلەنمەك؛ قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلماق؛ ئىچ-ئىچىدىن يامان كۆرمەك.
قاتتىق ھاردۇق يەتمەك؛ بەك چارچىماق؛ ھېرىپ ھالىدىن كەتمەك.
قاتتىق ھەسرەت چەكمەك؛ چەكسىز قايغۇ-ھەسرەتكە چۆممەك.
قاتتىق ئۇۋالچىلىق؛ ناھەقتىن ناھەق؛ ناھەقچىلىق.
قاتتىق ئۈمۈتسىزلەنمەك؛ ئىخلاسى قايتماق؛ ئۈمىدى ئۈزۈلمەك.
قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەپ چىرىتەلەيدۇ.
قاتمۇ قات تاغ-داۋانلار؛ يىراق مەنزىل.
قاتمۇ-قات تاغلار؛ ئېگىز-ئېگىز چوققىلار.
قاتمۇ قات توسۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتمەك.
قاتمۇ قات غەم-ئەندىشىگە چۈشمەك.
قاچا-قۇچىلار چېچىلىپ ياتماق.
قاچا-قۇچىلار چېقىلىپ كېتەرمىكىن دەپ چاشقانغا تەگمەسلىك.
قاچقان دۈشمەنگە قوغلاپ يۈرۈپ زەربە بەرمەك. دېيىلىدۇ.
قاراپ تۇرۇپ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماق.
قارا توخۇمۇ ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ.
قارا چاپلىماق؛ يالا چاپلىماق؛ بوھتان چاپلىماق.
قاراشقا كۆز بارماسلىق؛ چىداپ تۇرغىلى بولماسلىق؛ ئېچىنىشلىق.