ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قارلىغاچ چىدىرغا چاڭگال سالغاندەك .
قارىسىغا ئەگەشمەك؛ باشقىلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ئەگەشمەك.
قارىسىنى كۆرۈپلا تىكىۋەتمەك؛ سايىسىنى كۆرۈپلا قېچىپ كەتمەك؛
قارىغاي سوغدا بىلىنەر؛ قەيسەر ئەر جاپالىق شارائىتتا بىلىنەر؛ مەرد مەيداندىلا سىنىلار.
قارىغۇچىلىكى يوق؛ نەزەر سېلىشقا ئەرزىمەيدىغان.
قارىغۇدەك تىمىسقىلاپ بىلىق تۇتماق؛ قارىسىغا ئىش قىلماق.
قارىغۇدىن يول سورىماق؛ ناداندىن ئەقىل سورىماق.
قارىغۇ مۈشۈك تىرىك چاشقاننى تۇتالماس.
قارىغۇنىڭ پىلنى سىيلىشى (مەسىلىگە بىر تەرەپلىمە قاراشقا تەمسىل قىلىنىدۇ).
قارىغۇنىڭ قۇلىقى ئىتتىك، گاسنىڭ كۆزى (ئىتتىك).
قارىغۇنى يار بويىدا قىستاپتۇ.
قارىقۇيۇق قوبۇل قىلماق؛ ھەممىنى قوبۇل قىلماق.
قازاندا بولسا چۆمۈچكە چىقىدۇ.
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى، يامغا يولۇقساڭ يالىسى،
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.
قازاننى چېقىپ چويۇنىنى ساتماق؛ ھەممە نېمىسىنى ئېلىپ چىقماق؛ بار-يوقىنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋەتمەك.