ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
غېرىچقا ئېرىشىپ، غۇلاچقا تىكىلمەك؛ ئىنساپسىزلىق.
غېرىچنى دەپ غۇلاچتىن قۇرۇق قالماق؛ كىچىكنى دەپ چوڭدىن قورۇق قالماق. بارماقنى دەپ، قولدىن ئايرىلماق.
غېڭ-پېڭ قىلدۇرماسلىق؛ ئېغىز ئاچقۇزماسلىق.
غىلاپتا ساقلانغان زۇلپىقار ھامان دات باسىدۇ.
غىل-پال ئۆتۈپ كەتمەك؛ غىل-پال قىلىپ يوقاپ كەتمەك.
قابىل سەركەردىنىڭ قولىدا يارىماس ئەسكەر يوق؛ سەركەردىسى قابىل بولسا، ئەسكىرى باتۇر بولۇر.
قابىلىتىگە يارىشا ئىشقا قويماق؛
قابىلىيەت تۆۋەن، بىلىم ئاز؛ قابىلىيتىمۇ، بىلىمىمۇ تۆۋەن.
قابىلىيەتسىز؛ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان.
قابىلىيەتسىز؛ ئىقتىدارسىز؛ يارىماس.
قابىلىيەتلىكلەرگە يول بەرمەك.
قابىلىيەت ئىگىلىرىگە كەڭ يول ئاچماق.
قابىلىيتى ئۈستۈن؛ ئالاھىدە ئىقتىدارلىق؛ كامالەتكە يەتكەن.
قابىلىيتى ئۈستۈن؛ قابىلىيەتلىك؛ئىقتىدارلىق.
قاپاق باش مەسلىھەتچى؛ نەس مەسلىھەتچى.
قاپاققا قاراپ نوگاي سىزماق؛ ئەندىزىچىلىك قىلماق؛ قارىغۇلارچە تەقلىد قىلماق.
قاپاقلىرى چۈشۈپ كەتمەك.
قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتمەك؛ سالپىيىپ كەتمەك
قاپسىلىپ قالغان ئىت ئادەمگە ئېتلار؛ ھودۇققان ئىت تامغا سەكرەر.
قاپقاراڭغۇ جاڭگال؛ قاراڭغۇلۇق؛ زۇلمەتلىك. ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماسلىق.