ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قارا قازاننىڭ ئېشى تاتلىق.
قاراقچىغا پىچاق ئال چىل بۆرىگە كالتەك (ئال).
قاراقچى قاراڭغۇ ئامراق، چىل بۆرە يامغۇرلۇق كېچىگە ئامراق.
قارا قورساق؛ بىلىمسىزلىك؛ نادانلىق.
قارا كۆكتىن چىقىدۇ. كۆكنى بېسىپ چۈشىدۇ؛ بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ.
قاراڭغۇدا تىمىسقىلاپ يۈرمەك.
قاراڭغۇ-زۇلمەت.
قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ، يورۇقلۇققا چىقماق؛ جاھالەتتىن قۇتۇلۇپ، ئادالەتكە ئۆتمەك؛ قارا كۈچلەردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ ھەقىقەتكە ئۆتمەك.
قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىققاندەك؛ دىلى بىردىنلا يورۇق كەتمەك.
قاراملىق قىلماق؛ شاللاقلىق قىلماق.
قاراملىق قىلماق؛ يىنىكلىك قىلماق؛ تەۋەككۈلچىلىك قىلماق.
قارانىيەتلىك قىلماق؛ چەكسىز ئاچكۆزلۈك.
قارا نىيەت؛ ياۋۇز نىيەت.
قارائۆرۈككە قاراپ ئۇسسۇزلۇقنى باسماق.
قارا يامغۇر ياغار چاغدا، چىقار بوران گۈركىرەپ؛ راۋاقنى قاپلاپ بوران، كەلدى يامغۇر شەپىسى.
قارشى مۇقام تۇۋلىماق؛ قارشىلاشماق؛ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماق.
قارشى يول تۇتماق؛ قارشى يولدا ماڭماق.
قارغا قايناق سۇ قۇيغاندەك.
قارغۇنىڭ قېشىدا چاپاقنىڭ گېپىنى قىلما.
قارلىغاچ پەس ئۇچسا يامغۇر ياغىدۇ.