ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
قاپىقىدىن قار يېغىپ تۇرماق؛ تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇرماق.
قاتار-قاتار ئۆي-ئىمارەتلەر؛ رەت-رەت ئۆيلەر.
قاتتىق ئار-نومۇس؛ چوڭ خورلۇق؛ چىدىغۇسىز ئىزا-ئاھانەت.
قاتتىق باش قاتۇرماق؛ پۈتۈن ئوي-پىكىرىنى ئىشقا سالماق.
قاتتىق تەشۋىشلەنمەك؛ ساراسىمىگە چۈشمەك.
قاتتىق تەشۋىشلەنمەك؛ غەم-ئەندىشىدە قالماق.
قاتتىق تۇتۇشماق؛ قاتتىق ئېلىشماق.
قاتتىق تۇتۇشماق؛ يېڭىش-يېڭىلىشكە كۆز يەتكۈزۈش قىيىن بولماق؛ قاتتىق تىركەشمەك. بىر-بىرىگە قىيالماسلىق؛ بىر-بىرىدىن ئايرىلالماسلىق.
قاتتىق سىياسەت يولۋاستىن يامان، يامان سىياسەت يولۋاستىن يامان..
قاتتىق غەزەپكە كەلمەك؛ ئاچچىقىغا پايلىماسلىق؛ ئەلپازى بۇزۇلماق؛ دەرغەزەپ بولماق؛ ئاچچىقغا ھاي بېرەلمەي قالماق.
قاتتىق غەزەپلەنمەك؛ غەزىپى تۇتماق؛ ئوغىسى قاينىماق.
قاتتىق قايغۇرۇپ جېنىدىن تۇيماق. ئۆلۈۋالىمەن دەپ قورقۇتماق.
قاتتىق قايغۇ ئىچىدە ئەسلىمەك.
قاتتىق-قۇرۇق؛ سۇيۇق-سەلەڭ؛ غورىگىل ( تۇرنۇشنىڭ ئاددىي ئۆتۈۋاتقانلىقىغاۋە كۈتۈشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ) .
قاتتىق-قۇرۇق؛ غورىگۈل. ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرمەك؛ غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرمەك؛ جاپا مۇشەققەتكە چىداپ، ئاددى-ساددا ياشىماق.
قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىقنى ماسلاشتۇرماق.
قاتتىق نەپرەتلەنمەك؛ قاتتىق قايغۇرماق؛ قاتتىق ھەسرەت چەكمەك.