ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
غەمسىز؛ بىمالال؛ ئەركىن؛ بىخارامان؛ لاغايلاپ يۈرۈشنى راۋا كۆرمەك؛ كوچا چىڭدىماق.
غەم-قايغۇسىز ئادەم سۇ ئىچسىمۇ سەمرىيدۇ.
غەمكىن؛ مەيۈس؛ كۆڭلى يېرىم.
غەيرەت-جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرماق؛ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن؛ يۈكسەك جاسارەت بىلەن.
غەيرەتكە ئۈستىگە غەيرەت قىلماق؛ داۋاملىق غەيرەت قىلماق؛ داۋاملىق تىرىشماق.
غەيرەتلىك ئەردىن شىرمۇ قېچىپ قۇتۇلالماس.
غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلماق؛ غەيرەت قىلىپ يېتىشىۋالماق.
غەيرىتىڭ بولسا يۇلتۇز سانايسەن.
غەيرىي نىيەت-غەيرىي مەقسەتتە بولماق؛ ئالا كۆڭۈللۈك قىلماق؛ ئوي-پىكىر ئوخشاش بولماسلىق.
غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى.
غوجامنىڭ قورسىقى توق، قولى بىلەن كارى يوق
غولىنى تاشلاپ، شېخىغا ئېسىلىۋالماق؛ مېغىزىنى تاشلاپ، شاكىلىغا ئېسىلىۋالماق؛ ئاساسلىقىنى تاشلاپ، ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئېسىلىۋالماق.
غۇربەتچىلىك ئۈستىگە كېسەللىك؛ يوقسۇللۇق ۋە كېسەللىك ئازابى.
غۇر-غۇر شامال، سىم-سىم يامغۇر. سىيلىق مۇئامىلە.
غۇلىچىغا چىداپ ، غېرىچىغا چىدىماسلىق؛ ئىش تۈگەي دەپ قالغاندا تاشلاپ قويماق؛ ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇپ، چىركىندە ئېغىز ئېچىپتۇ.
غۇۋا؛ تۇتۇق؛ بىلىنەر-بىلىنمەس.
غۇۋا كۆرۈنمەك.
غۇۋا كۆرۈنمەك؛ تۇمانلىق (تۇتۇق) كۆرۈنمەك؛ بىر كۆرۈنۈپ، بىر غايىپ بولماق.
غېرىب-غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىيلىماق؛ ئاجىز-بىچارىلەرگە يار-يۆلەك بولماق.
غېرىب-غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سىيلىماق؛ قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلىمەك.