ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
غەرەز ئۇقماق؛ داۋلىنى چۈشەنمەك.
غەرق مەست بولماق.
غەرق مەست بولماق؛ قاتتىق مەست بولماق.
غەرىزىنى بىلىپ بولماسلىق؛ نىيىتى يامانلىقنى بىلىپ بولماسلىق.
غەرىزى ھەممىگە ئايان؛ سۈيقەستى پاش بولۇپ قالماق.
غەزەپ بىلەن ھومايماق.
غەزەپ بىلەن ھومايماق؛ قاپىقىدىن قار يېغىپ تۇرماق؛ چىرايىدىن مۇز ياغماق.
غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ ئالەمنى لەرزىگە سالماق؛ ھەيۋەتلىك خىتاب.
غەزەپتىن چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماق؛ قاتتىق غەزەپلەنمەك.
غەزىپى پەلەككە يەتمەك.
غەزىپى تاشماق؛ زەردىسىنى قاينىماق؛ سەپراسى ئۆرلىمەك؛ غەزەپ ئوتى يانماق.
غەلبە بىلەن ئودىغا قايتماق؛ غەلبە قازانماق.
غەلبە قازىنىشقا كۆزى يەتمەك؛ غەلبە قازىنىدىغانلىقىدا گەپ يوق؛ غەلىبە قازىنىشقا ئىشەنچ كامىل.
غەلىبە قىلىش ئاسان، غەلىبىنى ساقلاش تەس.
غەلىتە تۇيۇلماسلىق؛ ئەجەبلەنمەسلىك؛ ھەيران قالماسلىق.
غەلىتە كىيىم-كېچەك؛ ئاجايىپ غارايىپ كىيىم-كېچەكلەر.
غەلىتە ئىش.
غەلىتە ئىشلار كۆپىيىپ كەتمەك.
غەم-ئەندىشىسىز.
غەم بىلەن ئۆتسەڭ سارغىيىسەن، كۈلۈپ ئۆتسەڭ ياشىرىسەن.