ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
شىپالىق دورا؛ خىسلەتلىك دورا؛ ھەممە دەردكە داۋا دورا. ئۈنۈملۈك تەدبىر.
شىپالىق يامغۇر؛ دەل ۋاقتىدىكى ياردەم.
شىرەگە مۇشتلاپ چاچراپ قوپۇپ كەتمەك؛ غەزىپىنى باسالماسلىق.
شىرىن چۈشنى تەكرارلىماق؛ ياخشى كۈنلىرىنى ياد ئەتمەك.
غادايماق؛ گېدەيمەك؛ كېرىلىپ كەتمەك.
غادىيىۋالماق؛ گىدىيىۋالماق؛ ئالچاڭلاپ كەتمەك.
غازاڭنىڭ تۆكۈلىشى-كۈزنىڭ بېشارىتى.
غاز كەلدى-ياز كەلدى، غاز كەتتى-ياز كەتتى.
غالجىر ئىت چىشلىسە چىشىنى كۆرسەتمەس.
غالجىر ئىت كالتەكتە ئۆلەر.
غايەت زور؛ تەڭداشسىز زور؛ ئىنتايىن چوڭ.
غايەت زور جىنايەت؛ چېكىدىن ئاشقان جىنايەت.
غايىبتىن كەلگەن ئولجا؛ تاسادىپىي كەلگەن بايلىق؛ ھارام مال.
غايىلىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەر.
غايىۋى جەننەت؛ جەبىر-جاپا ۋە ئازاب-ئۇقۇبەتتىن خالىي دۇنيا.
غەپلەتتىن ئويغاتماق؛ دىلىنى يورۇتماق.
غەپلەتتىن ئويغانماق؛ ئەس-ھوشىنى تاپماق.