ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
شەكسىز؛ شۈبھىسىز؛ شەك-شۈبھىسىز.
شەھەرنى قورشىۋىلىپ، ياردەمگە كەلگەن دۈشمەننى يوقاتماق.
شەھۋانى نەغمە-ناۋا؛ شەھۋانى ناخشا-مۇزىكا.
شەۋكەتلىك كەيپىيات؛ ئۇلۇغۋار روھ.
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ يولدىن ئازماق.
شەيئى تەرەققىي قىلىپ چېكىگە يەتكەندە ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. نامراتلىق جانغا ياتقاندا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ.
شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە چوقۇم ئەكىسىگە ئۆزگىرىدۇ؛ شەيئىلەر ئاخىرقى چېكىگە يەتكەندە ئەكسىگە يانىدۇ.
شۇ ئەھۋالنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرمەك؛ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن.
شۇمۇ گەپمۇ؛ شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؛ مانى قاراڭ.
شۇنچىلىك ئىكەنغۇ؛ چاغلىق ئىكەنغۇ؛ تايىنلىق ئىكەنغۇ.
شۇنداق بولسا كېرەك دەپ ھېسابلىماق؛ شۇنداق بولۇشى ئېھتىمال دەپ قارىماق.
شۇنداق بۇلۇپلا قالماستىن...
شۇ يەردە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئۆسكەن؛ يەرلىك.
شۆلگەيلىرىنى ئېقىتماق؛ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلمەك؛ ئاچكۆزلۈك.
شۆھرەتكە تۇشلۇق نۇسرەت يوق؛ نام-ئاتىقى ئەمىلىي سەۋىيسىدىن ئېشىپ كەتمەك؛ ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق؛ سەللە يوغان ئىمان يوق.
شۆھرەت ئۈچۈن ئۆزىنى ساتماق؛ شانۇشەۋكەت ئۈچۈن ئۆزىنى ساتماق.
شېرىن چۈش؛ قۇرۇق خىيال.
شېرىن خىيال؛ قورساقتىكى چوت؛ ئۆزىچە چوت سوقماق.
شېرىن سۆز-چىرايلىق خۇلق؛ چىرايلىق سۆز ۋە يېقىملىق خۇلق بىلەن باشقىلارغا ياخشىچاق بولماق.
شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى.