ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
خەۋەر تاپقان ھامان ھەرىكەتلەنمەك؛ شەپىنى ئاڭلاپلا تۇتۇش قىلماق.
خەۋپ-خەتەردىن قورقماسلىق. مۇدېيىلىدۇ .
خەۋپ-خەتەرگە قارىماسلىق؛ ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق؛ جان پىدالىق بىلەن.
خەۋپ-خەتەرنى ئامان-ئىسەنلىككە ئايلاندۇرماق؛ خەتەردىن ئامان قۇتۇلماق.
خەير-ساخاۋەت قىلماق؛ خەير خاھچىلىق قىلماق.
خوتۇن خەقنىڭ مېھىر-شەپقىتى؛ ئۇششاق-چۈششەك ئىلتىپات.
خوراز چىللىمىسىمۇ تاڭ ئېتىۋېرىدۇ.
خورلۇققا چىداپ جان باقماق؛ نومۇسسىزلارچە ياشىماق؛ يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى-تېنىمنىڭ راھىتى.
خوش تەقسىر' دەپ ئېگىلىپ تۇرماق؛ خۇشامەتچىلىك قىلماق.
خوش-خوش دەپ تۇرماق؛ باش ئېگىپ ئىتائەت قىلماق.
خۇپسەنلىك قىلماق؛ مۇغەمبەرلىك قىلماق.
خۇدادەك كۆرمەك؛ شەكسىز ئېتىقاد قىلماق؛ چوقۇنماق.
خۇداغا شۈكۈر.
خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ھەرقانداق ئىشلار بولۇپ تورىدۇ.
خۇدا ئۇرغاننى خۇدابەردىكام قوشلاپ ئۇرۇپتۇ.
خۇدا ئۇرغاننى خۇدا بەردىكام قوشلاپ ئۇرۇپتۇ.
خۇدا ئۇرۇپ، يەر يۇتسۇن؛ خۇدا جازاسىنى بەرسۇن؛ خۇدا ئۇرسۇن.
خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنمەك؛ جېنى باردەك قىلىۋەتمەك؛ جان كىرگۈزۈۋەتمەك؛ بەئەينى ئۆزىدەك قىلىۋەتمەك؛ تازا ئوخشاتماق.
خۇددى شۇنداق ئىش بولغاندەك؛ خۇددى راستتەك؛ خۇپسەنلىك قىلماق.
خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەك؛ تەپ تارتماسلىق.
خۇدىنى بىلمەسلىك؛ ھوشىدىن كەتمەك؛ بىھوش بولماق.
خۇدىنى بىلمەي قالماق؛ ئۆزىنى بىلەلمەي قالماق؛ ئېسەنگىرەپ قالماق؛ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماق.
خۇراپاتلىقىنى تۆگەتمەك.
خۇشال كېلىپ، خاپا كەتمەك.
خۇشاللىق بىلەن مەمنۇن بولماق؛ شادلانماق؛ ھۇزۇرلانماق؛ كۆڭلى كۆتۈرۈلمەك.
خۇشاللىقتا كېچە-تۈن قىسقا بىلىنەر، قايغۇدا كۈندۈزمۇ ئۇزاق بىلىنەر
خۇشاللىق ساداسى ياڭرىماق.
خۇشاللىققا چۆكمەك؛ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولماق؛ شاد-خۇراملىق.
خۇشاللىققا چۆممەك؛ كۆڭلى سۆيۈنۈپ كەتمەك.
خۇشاللىققا چۆممەك؛ گۈلقەقەلىرى ئېچلىپ كەتمەك.
خۇشاللىقىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويماق؛ خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالماق؛ خۇشاللىقى ئىچىگە سىغماي قالماق؛ خۇشاللىقىدىن تېرىسىگە پاتماي قالماق.
خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتمەك؛ نايناقلاپ كەتمەك.
خۇشاللىقىدىن قېن-قېنىغا پاتماي قالماق.
خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماق؛ كۆرەڭلەپ خۇدىنى بىلمەي قالماق.
خۇشاللىقىدىن ئېچىلىپ-تېيىلىپ كەتمەك؛ خۇشاللىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇرماق.
خۇشامەتچىلىك قىلماق؛ كىشىگە ياخشىچاق بولماق.
خۇشخۇي؛ مۇلايىم ۋە يېقىملىق.
خۇي-پەيلىنىڭ ئۆزگەرمىكى تەس؛
خېمىردىن قىل سۇغۇرغاندەك؛ ناھايىتى ئاسانلا؛ ھېچ گەپ ئەمەس.
خىجىل بولماي چوڭ گەپ قىلماق؛ ئىزا تارتماي لاپ ئۇرماق.
خىجىل بولىدىغان يېرى يوق؛ خۇدۈكسىزلىك.
خىجىل بولىدىغان يېرى يوق؛ ساپ ۋىجدان؛ ۋىجدان كۆتۈرمەك.
خىرە-شىرە؛ غۇۋا؛ تۇتۇق.
خىزمەتتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتماق؛ پېنسىيگە چىقماق.
خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ كۆرەڭلىمەك؛ كۆرسەتكەن خىزمىتى بىلەن مەغرۇرلانماق.
خىزمەت كۆرسەتمىسىمۇ يۇقىرى مائاش ئالماق؛ ھېچقانداق تۆھپە ياراتمايلا مۇكاپاتقا ئېگە بولماق؛ ھېچبىر ئىش قىلپ بەرمەيلا ھەق ئالماق.
خىزمەت كۆرسىتىپ، گۇناھىنى يۇيماق.
خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولماق؛ خىزمىتىنى ئادا قىلىش يولىدا جېنىنى پىدا قىلماق.
خىل-خىلى بىلەن، كەتمە سېپى بىلەن.
خىلمۇ خىل رەڭلەر؛ رەڭگارەڭ؛ ئالا بۇلىماچ.
خىلمۇ خىل شەيئىلەر؛ تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماق.
خىلمۇ-خىل؛ ھەر خل؛ ھەر خىل-ھەر نۇسخا.
خىلمۇ-خىل؛ ياڭزىمۇ-ياڭزا؛ رەڭگارەڭ.
خىلى-خىلى بىلەن، كەتمە سېپى بىلەن
خىيالدىن نېرى كەتمەسلىك؛ خاتىرجەم بولالماسلىق؛ غەم قىلىپ كۆڭۈل تىنماسلىق.
خىيالىغا كەلگەننى قىلماق؛ خالىغانچە ئىش قىلماق.
خىيالىغا كەلگەننى قىلماق؛ خالىغىنىنى قىلماق.
خىيالىغا كەلگەننى قىلماق؛ ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش كۆرمەك.
خىيانەت تۈگەپ، دىيانەت ئورنىماق؛ يامان ئىشلار تۈگەپ، ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلمەك.
داپچنىڭ دېپى يېرىلسا، گەردىشى مايمۇنغا ئويۇنچۇق بولۇپتۇ.
داپ-ھەممە سازنىڭ ئەيىبىنى ياپ.
داپ يۈزلۈك؛ يۈزى قېلىنلىق؛ بىشەملىك.
داد-پەرياد كۆتۈرمەك؛ نالە قىلماق.
داد-پەرياد كۆتۈرمەك؛ ۋايدادلىماق؛ قاقشىماق.
دادىسى بىر يۇرتقا بەگ بولسا، بالىۋاقىلىرىمۇ ھۆرمەت تېپىپتۇ.
دارىتما گەپ؛ دارىتمىلىماق؛ ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتمەك.
دارىتمىلىماق؛ ئەگىتىپ ئېيتماق.
داغداق يول.
داغدام يول؛ كەڭ يول؛ نۇرلۇق يول.
داغدۇغىلىق؛ دەبدەبىلىك؛ قاينام-تاشقىنلىق.
داغدۇغىلىق ھالدا؛ كەڭ كۆلەمدە.
داغدۇغىلىق؛ ھەيۋەتلىك.
داقا-دۇمباق ئاۋازى كۆككە ياڭرىماق.
داقا-دۇمباق سادالىرى ياڭراپ كەتمەك.
داق يەردە بىنا ھاسىل بولماق؛ قۇرۇق قول بىلەن ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارماق؛ قۇرۇق چاقماقتىن ئوت چىقارماق.
داڭدار؛ داڭلىق؛ ئاتاقلىق.
داڭقان پۇتىدەك روبىرو تۇرماق؛ ئۈچ تەرەپ تىركىشىپ تۇرماق.
داڭقى چىقماق؛ نامى پۇر كەتمەك.
داڭلىق تېۋىپمۇ كۆڭۈل كېسىلىگە ئامالسىز.
دالادا يېتىپ-قوپۇپ شامالدا ئوزۇقلانماق؛ ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنجا قىلماق.
دالاندىن ئۆتۈپ، سارايغا كىرمەك؛ بارغانسىرى چوڭقۇرلاشماق؛ يۇقىرى پەللىگەيەتمەك.
دانا مەسلىھەت؛ ئاقىل پىكىر؛ ئۈنۈملۈك تەدبىر، ھېكمەتلىك چارە.
دانا ئۆزىنى نادان تۇتىدۇ.
دان چېچىلمىغان قونداققا كەپتەر قونماس.
دانىشمەن بولۇپ تۇغۇلماق؛ تۇغما دانىشمەنلىك.
دانىشمەندىنمۇ سەۋەنلىك ئۆتىلەر.
دانىشمەنگە تەشنا بولماق.
دانىشمەنلەرگە ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلماق؛ ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى ھۆرمەت قىلماق.
داۋراڭ سالماق؛ قۇرۇق داغدۇغا كۆتۈرمەك.
دائىرسى تار، مەزمۇنى كەڭ؛ ئۆزى كىچىك، مەزمۇنى تولۇق؛ ئۆزى كىچىك، توققۇزى تەل.
دائىم ئەستىن چىقارماسلىق؛ ھەرگىز ئۇنتۇماسلىق.
دائىم ئۆزگىرىپ تۇرماق؛ تۇتۇرقى يوق؛ تۇتامى يوق.
دەپ قويمىدى دېمەڭ.
دەتتىكەم دەپ ئاتقانغا ئۇتۇۋالالماس، پېشىنى قېقىپ قاچقانغا قۇتۇلۇۋالماس.
دەخلىسىز.
دەرەخ باھارغا تەلپۈنەر، ئادەم بەختكە
دەرەخ بېشىدىن بېلىق ئىزدىمەك؛ بىھۇدە ئۇرۇنۇش.
دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، توشقاننىڭ كىلىشىنى كۈتمەك؛ ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش.
دەرەختىكى ئون قۇشتىن، قەپىسىڭدىكى بىر قۇش ياخشى.
دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ شامال جىم تۇرغۇزمايدۇ.
دەرەخ چوڭ بولسا سايىسى يوغان بولۇر.
دەرەخ چوڭ بولسا شامالنى توسار.
دەرەخ سايىسىدىكى مايسا ئاجىز بولىدۇ.
دەرەخ قېرىسا يىلتىزى كۆپىيىدۇ، ئادەم قېرىسا بىلىمى(كۆپىيىدۇ).
دەرەخنى چۈشىنەي دېسەڭ يىلتىزىغا قارا، ئادەمنى چۈشۈنەي دېسەڭ كۆڭلىگە قارا.
دەرەخنىڭ چوڭىغا ئاسان شامال تېگىدۇ؛ نامى ئۇلۇغلار كۆزگە يېقىن بولىدۇ.
دەرەخنىڭ سايىسى ئۆزىگە بېقىپ بولىدۇ.
دەرەخنىڭ يىلتىز بولۇر، سۇنىڭ مەنبەسى بولۇر.
دەرەخنىڭ يىلتىزى بولۇر، سۇنىڭ مەنبەسى.
دەرەخنىڭ يىلتىزىغا قارا، ئادەمنىڭ قەلبىگە.
دەرەخنىلا كۆرۈپ، ئورماننى كۆرمەسلىك.
دەرەخ ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ، ئاسمانغا تاقىشالماس.
دەرەخ ئون يىلدا يېتىلەر، ئادەم يۈز يىلدا.
دەرەخ ئون يىلدا يېتىلەر، ئادەم يۈز يىلدا؛ ئادەمنڭ ئادم بولمىقى تەس.
دەرەخ ئۆرۈلسە مايمۇن توزۇپتۇ.
دەرەخ يىقىلسا مايمۇن توزۇپتۇ.
دەرەخ يىقىلسا مايمۇن توزۇپتۇ؛ پاناھسىزنىڭ كۈنى تەس، ئەگەشكۈچىنىڭ ھالى.
دەرد-ئەلەم تارتماق؛ غەم باسماق.
دەردلىك؛ مۇڭلۇق؛ تەسىرلىك.
دەردىگە دەرمان بولماق؛ ھەمدەملەشمەك.
دەردىنى باشقىلاردىن ئالماق؛ باشقىلارغا دوق قىلماق؛ كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى.
دەردىنى داستان قىلىپ ئېيتماق؛ قوشاق قوشۇپ دەرد تۆكمەك.
دەردىنى ئىچىگە يۇتماق.
دەردىنى ئىچىگە يۇتماق؛ دېمىنى ئىچىگە يۇتماق؛ ئاچچىقىغا ھاي بەرمەك.
دەر غەزەپ بولماق؛ چىچاڭشىپ كەتمەك؛ قاتتىق چېچىلماق.
دەر غەزەپكە كەلمەك؛ غەزىپى تاشماق؛ قاتتىق غەزەپلەنمەك.
دەرقەمدە تۇرۇپ ئوچۇق ئېيتماق؛ يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سۆزلەشمەك.
دەرھال بەجا كەلتۈرمەك؛ شۇئان ئورۇندىماق.
دەرۋازىغا قارىماي ھارۋا ياسىماق؛ ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.
دەرۋازىنى قاتتىق ساقىلماق.
دەرۋەقە؛ دېگەندەك.
دەريا بويىدا ياشىغان بېلىقنىڭ تۈرىنى بىلۇر، تاغدا ياشىغان قۇشنىڭ تۈرىنى بىلۇر.
دەريادا بېلىق كۆپ بولسا سۇ لاي بۇلۇر ، تاغدا تاش كۆپ بولسا يول ساي بولۇر.
دەريادا بېلىقنىڭ يوقلۇقىنى بازاردىن بىل.
دەريادا سۇ بولسا، ئۆستەڭدە سۇ ئۇلۇغ، دەريادا سۇ بولمىسا، ئۆستەڭ قۇرۇق.
دەريادا سۇ بولمىسا كېمە ماڭالماس.
دەريادىن ئۆتەلىگەن ئادەم ئۆستەكدىن قورقماس.
دەريادىن ئۆتەي دېسەڭ كۆۋرۈك سال.
دەريادىن ئۆتىۋېلىپ، كۆۋرۈكنى بۇزۇپتۇ؛ تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىغا چىچىپتۇ.
دەرياغا چۈشكەندە سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلىنەر.
دەريالار بېرىپ-بېرىپ دېڭىزغا قۇيۇلار؛ ھەممە دەريانىڭ بارار يېرى دېڭىز.
دەريانى توسقىلى بولۇر، ئەل ئاغزىنى توسقىلى بولماس.
دەريانىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلىش ئاسان، ئادەمنىڭ نىيىتىنى چۈشىنىش تەس.
دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى بار، ھەر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى.
دەسلەپكى ئوي-پىكىردە چىڭ تۇرماق؛ تۇنجى تەسىرات چوڭقۇر سىڭمەك؛ دەسلەپكى كۆزقارىشىغا ئېسىلىۋالماق.
دەسمىرىڭ قانچىلىك بولسا، تىجارىتىڭ شۇنچىلىك بولۇر.
دەققىدە سادىر بولغان خاتارلىق، ئۆمۈر بويى ھەسرەتكە سالار.
دەككە-دۈككە بولماق؛ ھودۇقۇپ كەتمەك؛ كۆڭلى بىسەرەمجان بولماق.
دەككە-دۈككىدە بولماق؛ قاتتىق ئەنسىرىمەك؛ تەشۋىشكە چۈشمەك؛ يۈرەكئالدى بولماق.
دەككە-دۈككىدە قالماق؛ ئەنسىرىمەك.
دەككە-دۈككىدە قالماق؛ دەككە-دۈككە بولماق.
دەككە-دۈككىدە كۈننى كەچ قىلالماسلىق؛ تۈگىمەس تەشۋىشتە قالماق.
دەككە-دۈككىدە يۈرمەك؛ يۈرەكئالدى بولۇپ يۈرمەك؛ يادىغا يەتسىلا يۈرىكى جىغىلدىماق.
دەل ئەكىسچە بولۇپ چىقماق؛ نەتىجە ئارزۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ چىقماق.
دەل جايىدا بولماق؛ دەل جايىغا تەگكۈزمەك؛ دەل نىشانغا تەگكۈزمەك.
دەل جايىغا تەككۈزمەك؛ ئەجەللىك يېرىگە تەككۈزمەك.
دەل جايىغا تەككۈزمەك؛ مەسىلىنى چوڭقۇر يېشىپ بەرمەك.
دەل كۆڭلىدىكىدەك بولماق؛ دىتىغا ياقماق.
دەلمۇ دەل تاقابىل تۇرماق؛ تىغمۇ تىغ تاقابىل تۇرماق.
دەل ئۈستىدىن چۈشمەك؛ دەل پەيتىگە توغرا كېلىپ قالماق.
دەلىل-ئىسپات بولالماسلىق؛ ئاساس بولالماسلىق.
دەلىل-ئىسپاتلىرى ئېنىق؛ ئاغدۇرۇپ بولماس ھۆكۈم.
دەمكۆتە بولۇپ قالماق؛ ئاران-ئاران تىنماق؛ سەكراتقا چۈشۈپ قالماق.
دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن؛ خەتەرلىك شارائىت؛ دەھشەتلىك ئەھۋال.
دەۋر قىلىپ تۇرماق؛ ئايلىنىپ تۇرماق.
دەي دېسەم تىلىم كۆيىدۇ، دېمەي دېسەم دىلىم؛ دەردى ئىچىدە قالماق.
دورامچۇق، ئاغزى پۇچۇق.
دورنى يارا ئاغزىغا ئىشلەت، پولاتنى پىچاق بىسىغا.
دورىنى ئېچىشقان يەرگە سەپ.
دوست بول سىرىنى بىلىپ،
دوست تارتىشماق؛ بىللە مۇقام توۋلاشماق؛ ھە-ھۇ دېيىشىپ بەرمەك.
دوست تارتىشىپ بەرمەك؛ گۇپپاڭچىلىق قىلماق.
دوستلارنى يىغلىتىپ، دۈشمەننى كۈلدۈرمەك. مۇ دېىلىدۇ.
دوستنىڭ دوستلۇقى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
دوستنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش تەس، خاپا قىلىش ئاسان.
دوستنىڭ ئىچىدە دوست بار.
دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرس (بولسۇن).
دوستۇڭ كۆپ بولسا، يولۇڭ كەڭ بولۇر.
دوستۇڭ لاي سۇ بەرسىمۇ ئىچكىنكى، دۈشمىنىڭ ھەسەل بەرسىمۇ يېمە.
دوستۇڭنىڭ دوستلۇقى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
دوستىنى كۆپ تۇتقۇچە، تاللاپ ئۇت.
دوق قىلىپ بەرگەن تاماق؛ مىننەتلىك ئېشىڭدىن قارنىمنىڭ ئاچلىقى ياخشى؛ ئىتتىرىپ بەرگەننى ئىت يېمەپتۇ.
دوڭسى شىسىنى دورايمەن دەپ كۈلكىگە قاپتۇ؛ دورامچىلىق قىلىمەن دەپ كۈلكىگە قالماق.
دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەك؛دولقۇنسىرى ئىگىرىلىمەك.
دۇئا-تىلاۋەت قىلماق؛ تىلەك تىلىمەك؛ سەمىمىي ئارزۇ قىلماق.
دۇبۇلغا-ساۋۇتلىرىنى تاشلاپ قاچماق؛ كەشىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىغا قارىماي قاچماق.
دۇتار تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق.
دۇرۇس ئادەم خۇپىيانە ئىش قىلماس، سەمىمىي ئادەم يالغان گەپ قىلماس.
دۇرۇس ئادەم سايىسىنىڭ مايماق چۈشۈشىدىن قورقماس.
دۇشمەننى يېڭىپ، غەلىبە قازانماق.
دۇلدۇل سامادا ئۇچقاندەك ئەركىن-ئازادە يايرىماق.
دۇمباقنىڭ ئىچى قۇرۇق ئاۋازى يوغان، پوچىنىڭ گېپى چوڭ، ئەلپازى يامان.
دۇنيا بىلەن ۋىدالاشماق؛ ئالەمدىن ئۆتمەك؛ دۇنيادىن كەتمەك.
دۇنيادا تەڭدىشى يوق.
دۇنيادىكى قاغىلارنىڭ ھەممىسى قارا؛ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
دۇنياغا مەشھۇر؛ داڭلىق؛ ئاتاقلىق.
دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرى؛ ئون سەككىزمىڭ ئالەم؛ جىمى ئىقلىم؛ يەتتە ئىقلىم.
دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە باپ كەلمەك.
دۇنيا ئومۇمنىڭ؛ دۇنيا خەلققە مەنسۇپ.
دۆتكە نەسىھەت كار قىلماس.
دۆتلىكىڭدىن قورقما، ئەجىر قىلماسلىقىڭدىن قورق.
دۆڭ يەردە چوڭ بېلىق باققىلى بولماس.
دۆلەتكە ۋە خەلىققە بالايىئاپەت كەلتۈرمەك.
دۆلەتمەن ئائىلىنىڭ بايۋەچچىلىرى.
دۆلەت مۇنقەرزبولۇپ، نەسىل قۇرۇماق
دۆلەتنى بېيىتىپ،ئەلنى ئەمىن قىلماق
دۆلەتنى قوغداپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلماق.
دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيتى؛ دۆلەتنىڭ تەقدىرى ھەر بىر كىشىگە مۇناسىۋەتلىك.
دۆلەتنى ئوبدان ئىدارە قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلماق.
دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى.
دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى.
دۈشمەن چۈشكۈنلەشسە بىز كۈچىيىمىز.
دۈشمەندەك يامان كۆرمەك؛ قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلماق؛ ئۆچ كۆرمەك.
دۈشمەندىن يولۋاستىن قورققاندەك قورقماق؛ دۈشمەننى كۆرسە يولۋاسنى كۆرگەندەك قورقماق.
دۈشمەن سىرىڭنى ئۇغرىلار، دوست خاتىرىڭنى توغرىلار.
دۈشمەنگە رەھم قىلساڭ، ئۆزۈڭگە ئامانلىق يوق.
دۈشمەنگە شەپقەت-ئۆزۈڭگە كۈلپەت.
دۈشمەننڭ زىيانكەشلىكىنى توسمىساڭ، ئۇۋالىغا ئۆزۈڭ قالىسەن.
دۈشمەننى ئاتا تۇتماق؛ دۈشمەننى ئاتا دەپ بىلمەك؛ دۈشمەنگە سېتىلماق.
دۈشمەننى ئالداپ ئىچكىرىگە كىرگۈزمەك؛ دۈشمەننى ئالداپ قىسماققا ئالماق.
دۈشمەننى دوست ھېسابلىماق.
دۈشمەننى مەيلىگە قويما، دوستۇڭنىڭ كۆزىنى بويىما.
دۈشمەننى يوقىتىشقا تەقەززا بولماق؛ دۈشمەننى يوقاتمىغۇچە كۆڭلى تىنماسلىق.
دۈشمىنىدەك كۆرمەك رەقىبىدەك كۆرمەك.
دېغى بولسىمۇ يەنىلا قاشتاش، كەمچىلىكلەر ئارتۇقچىلىقلارنى ياپالمايدۇ؛ ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
دېغىمۇ بار، نۇرىمۇ بار؛ كەمچىلىكىمۇ بار، ئارتۇقچىلىقىمۇ بار.
دېگەندەك بولۇپ چىقماق؛ كۈتكەن يەردىن چىقماق؛ دېگەندەك بولماق.
دېگەن كۈندە پۈتمەك؛ ئاز كۈندە پۈتمەك؛ ئورۇنداش ئالدىدا تۇرماق؛ ئۇزاق ئۆتمەي ۋۇجۇدقا چىقماق.
دېگەن يېرىگە تەككۈزمەك؛ بىر تال ئوقنىمۇ زايا كەتكۈزمەسلىك؛ مەرگەنلىك.
دېگىنىدە تۇرۇۋالماق؛ كاجلىق بىلەن گىپىنى يورغىلاتماق؛ تەرسالىق قىلماق.
دېڭىز تېشىپ، ئالەمنى سۇ باسقاندەك (جەمئىيەتنىڭ ئەنسىزلىكىگە تەمسىل قىلىنىدۇ).
دېڭىز تېگىدىن يىڭنە ئىزدىمەك.
دېڭىز چوڭقۇر بولسىمۇ تېگى بولىدۇ، تاغ ئېگىز بولسىمۇ چېكى بولىدۇ.
دېڭىزدىن بىر تامچە.
دېڭىزدىن گۆھەر چىقىدۇ، خەلق ئىچىدىن قەھرىمان (چىقىدۇ).
دېڭىز سۈيىنى ئۆلچىگىلى بولماس.
دېڭىز سۈيى ئۈزۈلمەس، يوشۇرۇن كۈچ تۈگىمەس.
دېڭىز قاراقچىسى؛ سۇ ئۈستى قاراقچىلىرى
دېڭىزلار قۇرۇپ، تاشلار چىرىپ كەتكۈچە؛زامان-زامانلارغىچە؛ ئەبەدىلئەبەد.
دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى؛ ئەرزىمەس.
دېڭىز ئېتىزغا، ئېتىز دېڭىزغا ئايلانغاندەك؛ ئوكيان ئۈجمىزارلىققا ئايلانغاندەك(ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىشبولغانلىقىغا تەمسىل قىلىنىدۇ).
دېلىغۇل بولماق؛ ئارىسالدى بولماق؛ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالماق.
دېلىغۇل بولماق؛ گاڭگىراپ قالماق.
دېمى بېسىلماسلىق؛ كۆڭلى تىنماسلىق؛ يۈرىكى جايىغا چۈشمەسلىك.
دېيىلگەن گەپ قۇلاقتىن نېرى كەتمەسلىك؛ دېيىلگەن گەپ ئەستىن چىقماسلىق.
دىلى بىلەن تىلى بىر؛ ئويلىغىنى بىلەن دېگىنى ئوخشاش.
دىلى يايراپ كەتمەك؛ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك.
دىلى يۇمشاق ۋە ئەزگۈ؛ رەھىمدىل؛ مېھرىبان؛ شەپقەتلىك
دىمىغىدا كۈلۈپ قويماق؛ دىمىغىنى قاقماق.
دىۋە-پەرىلەر؛ جىن-ئالۋاستىلار؛ يالماۋازلار.
دىيانەتسىزلىك؛ نومۇسسىزلىق؛ نومۇس قىلماسلىق.
راست بىلەن يالغاننى پەرق ئېتەلمەسلىك؛ چىن بىلەن ساختىنى پەرق قىلالماسلىق؛ جىڭ بىلەن جانى پەرقلەندۈرەلمەسلىك.
راست دەپ ئىشىنىپ كەتمەك.
راست قەسەم بەرمەك؛ چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بەرمەك.
راست گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەنلىك-زەھەر ئىچكەنلىك؛ ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلمەك زەھەر يۇتماق.
راھەت-پاراغەتكە بېرىلمەك.
راھەت-پاراغەتكە بېرىلىپ كەتمەك؛ ئەيش-ئىشرەتتە ياشىماق.
راھىب قاچىسىمۇ بۇتخانىسى قالۇر.
راۋان، چۈشىنىشلىك.
رەتسىز، چۇۋالچاق؛ تارقاق.
رەتسىز؛ قالايمىقان؛ چۇۋالچاق؛ مالىماتاڭ؛ گادىرماش.
رەتلىك-تەرتىپلىك.
رەتلىك؛ تەرتىپلىك؛ ئىدىتلىق.
رەددىيە بەرگىلى بولمايدىغان؛ رەت قىلغىلى بولمايدىغان.
رەزىل-ناكەسلەر؛ بەتقىلىق چۈپرەندىلەر.
رەسۋا بولماق؛ ئابرويى تۆكۈلمەك؛ شەرمەندە بولماق؛ ئەسكى نامى چىقماق.
رەسۋا بولماق؛ شەرمەندە بولماق؛ زاڭلاشماق.
رەسىم بولۇپ قالماق؛ ئادەت بولۇپ قالماق؛ ئۆزلىشىپ قالماق؛ ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماق.
رەسىم-قائىدىلەرگە يېپىشىۋالماق؛ مۇتەئەسسىپلىك قىلماق.
رەسىمگە قاراپ ئات ئىزدىمەك؛ يىپ ئۇچى بويىچە تاپماق.
رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپ قالماق؛ رەقىبلەرنىڭ يولى تار.
رەقىبلەر ئۈچۈن يول تار.
رەڭگارەڭ چىرايلىق گۈللەر.
رەڭگارەڭ؛ خلمۇخىل؛ ھەر تۈرلۈك.
رەڭگارەڭ؛ رەڭمۇرەڭ؛ ئالا-يېشىل؛ خىلمۇخىل.
رەڭگىروي، گەپ سۆزىنى بايقىماق؛ سۆز-ھەركىتىگە قاراپ ئىش كۆرمەك.
رەڭمۇرەڭ؛ خىلمۇ خىل.
رەڭمۇ رەڭ؛ رەڭگا رەڭ؛ خىلمۇ خىل.
رەڭمۇرەڭ؛ رەڭگارەڭ؛ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان.
رەڭۋازلىق قىلماق؛ نەيرەڭۋازلىق قىلماق.
رەھىمدىل ئادەم باي بولالماس؛ بايلىق ئۈچۈن ئىنساپىنى يوقاتماق؛ ئاچكۆز ۋە تاش يۆرەك.
رەھىم قىلساڭ يامانغا، كالتەك يەيسەن كاللاڭغا؛ مەرەزنى داۋالىمىساڭ بېشىڭغا چىقار.
روبىرو تۇرۇپ تۇتۇشماق.
روشەن ئۈنۈم؛ زور نەتىجە.
رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالايدىغان؛ زور تۆھپە يارىتالايدىغان. نى-نى ئىشلارنى قىلماق؛ نى-نى ئىشلارنى قىلىشقا قادىر بولماق.
روناق تېپىش-خاراب بولۇش؛ گۈللىنىش-ۋەيران بولۇش؛ ھۆرمەتلىنىش-خارلىنىش.
روھ؛ ئەرۋاھ.
روھسىزلىق؛ جانسىزلىق؛ چۈشكۈنلۈك.
روھسىزلىق؛ دىلى سۇنۇقلۇق؛ روھى چۈشكۈنلۈك؛ سۇلغۇنلۇق.
روھلۇق؛ تېتىك.
روھلۇق-جاھارەتلىك؛ سالاپەتلىك.
روھى چۈشكۈنلۈك؛ روھى چىقىپ كەتكەندەك يۈرمەك.
روھىي جەھەتتىن ماھىيىتىگە يەتمەك؛ ماھىيەتكە يەتمەك.
رىكشىدا ئولتۇرغان غوجام رىكشىچىنىڭ دەردىنى بىلمەپتۇ.
رىيازەت چىكىپ ئىلىم تەھسىل قىلماق؛ جاپاغا چىداپ كىتاب ئوقۇماق.
زادى ئاڭلاپ باقمىغان؛ ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان.
زادى بولۇپ باقمىغان؛ مىسلى كۆرۈلمىگەن؛ ئەزەلدىن كۆرلۈپ باقمىغان.
زادى چىقىشالماسلىق؛ ئەسلا سىغىشالماسلىق.
زادىلا سىغىشالماسلىق؛ قىلچە سىغىشالماسلىق.
زالىم زاۋال تاپمىغۇچە ئەل ئەمىن تاپماس.
زالىم زاۋال تاپمىغۇچە، ئەل ئەمىن تاپمايدۇ.
زالىم كېتىپ، زالىم كەلدى؛ زۇلۇم ئورنىنى زۇلۇم ئالدى؛ بىر زالىمنىڭ ئورنىغا يەنە بىر زالىمنى تىكلىمەك.
زالىملارغا ھەر كۈنى توي، بارغانلا يەردە يېيىشى قوي.
زالىملارنى بېسىپ، ئاجىزلارنى يۆلىمەك.
زالىملىق قىلماق؛ زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلماق.
زالىم مىللىي مۇناپىق.
زالىمنىڭ زۇلۇم سېلىشى بىلەن، خەلق ئىسيان كۆتۈرمەك؛ خەلقنىڭ ئىسيان كۆتۈرشىگە ئەمەلدار زامىن .
زاماندىن زارلىنىپ، خەلقنىڭ غېمىنى يېمەك؛ پەلەكتىن زارلانماق.
زامانغا باققان دانىشمەن.
زامانغا باقماسلىق.
زامانغا بېقىپ يوسۇن بولار؛ قائىدە-يوسۇن زامانغا بېقىپ ئۆزگىرىدۇ؛ زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆرپ-ئادەتمۇ ئۆزگەرمەك.
زامانغا لايىق كەلمەسلىك؛ دەۋرگە باب كەلمەسلىك.
زاۋالغا يۈز تۇتماق؛ كۈنى تۈگىمەك؛ ئۆمرى ئاز قالماق.
زەبەردەس؛ مەردانە؛ قەيسىرانە.
زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا باسماق؛ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن باتۇرانە ئىلگىرلىمەك.
زەربە بېرىپ ئۆچ ئالماق.
زەردە بىلەن ھومايماق؛ ئالايماق.
زەردىسى قايناپ ئۆزىنى باسالماي قالماق.
زەررىچە؛ قىلچە؛ جىندەك.
زەھەرلىك سۆزلەر بىلەن قارا چاپلىماق؛ قارا چاپلىماق؛ پەسكەشلىك بىلەن تۆھمەت قىلماق.
زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇر.
زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرماق؛ مەسلىكنى مەي بىلەن يەشمەك.
زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرماق؛ ئوغىنى ئوغا بىلەن ياندۇرماق.
زور تۆھپە؛ چوڭ تۆھپە؛ ئالەمشۇمۇل تۆھپە.
زور خىزمەت؛ چوڭ تۆھپە.
زور كۈچ بىلەن؛ تىرىشىپ-تىرمىشىپ؛ مىڭ تەسلىكتە.
زورلۇق بىلەن ئالۋان-ياساق سالماق.
زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلماق؛ ھەددىدىن ئاشماق.
زورلۇق-زومبۇلۇق قىلماق قىلماق؛ دەۋران سۈرمەك.
زوق-شوق بىلەن؛ ئىشتىياق بىلەن.
زوقلانماق؛ زوقلاندۇرماق.
زوقى كېلىپ ماختىماق؛ قايىل بولۇپ ئاپىرىن ئوقۇماق.
زۇراۋان سۈرمەسلىك؛ ئېغىز ئاچماسلىق؛ گۆشىيىپ تۇرماق.
زۇلمەتنى يىمىرىپ تاشلاپ، تۇرۇقلۇققا چىقماق.
زۇۋان چىقىرالماسلىق؛ جاق-جاق گەپ قىلالماسلىق.
زۇۋان سۈرمەسلىك؛ ئۈن چىقارماسلىق؛ سۈكۈت قىلماق.
زۆرۈر بىلەن زۆرۈر ئەمەسنى ئالماشتۇرۇپ قويماق؛ مۇھىم ئىش بىلەن ئادەتىتكى ئىشنى ئالماشتۇرۇپ قويماق.
زېرەك ئادەم ئېغىز يۈگۈرتەر، دۆت ئادەم قول يۈگۈرتەر.
زېرەك ۋە قابىل؛ زېرەك ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان.
زېرىكمەي ئۆگەنمەك؛ تەشنالىق بىلەن ئۆگەنمەك.
زېممەڭدە يۈك بولسا، تېز ماڭىسەن.
زېممەڭدىكى يۈك ئېغىر بولسا، قالدۇرغان ئىزىڭ چوڭقۇر بولۇر.
زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل، باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس
زېھنىنى چېچىۋەتكەننىڭ ئىشى ۋۇجۇدقا چىقماس؛ كۆڭۈلنى ئىككىگە بۆلمەسلىك؛ يەكدىللىك.
زېھنى ئوچۇق، كۆزى ئۆتكۈر.
زېھنى ئۆتكۈر، قولى ئەپلىك.
زىخنى بىلەۋەرسەڭ يىڭنە بولۇر.
زىرىكمەي-تېرىكمەي نەسىھەت قىلماق؛ سەمىمىي نەسىھەت قىلماق..
زىلۋا-ئەۋرىشىم؛ نازاكەتلىك؛ سىيلىق.
زىلۋا؛ كېلىشكەن؛ بەرنا.
زىھنى ئوچۇق، كۆزى ئۆتكۈر.
زىيالىلار بىر-بىرىگە قايىل بولماسلىق؛ زىيالىلار بىر-بىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق؛ ئەدىبلەر بىر-بىرىنى ياراتماسلىق.
س
ساپ ئالتۇننى تونۇغان ساختىسىنى بىلۇر.
ساپ ئالتۇن ئوتتىن قورقماس،
ساپ ئالتۇن ئوتتىن قورقماس، ئوتتىن قورققان ساپ ئالتۇن بولماس.
ساپالنىڭ پۈتۈنى بولغۇچە، قاش تېشىنىڭ ئۇۋىقى بول؛ نامەردلىك بىلەن ياشىغۇچە، مەدرلىك بىلەن ھالاك بول.
ساپ پولات ئېگىلمەيدۇ، ھەقىقەت يېڭىلمەيدۇ.
ساپ دىل؛ تۈز كۆڭۈل .
ساپ كۈمۈشتىن ئاۋاز چىقمايدۇ، راست باي پۇلنى تىلغا ئالمايدۇ.
ساپ ھاۋا-ئايدىڭ كېچە. ئالىيجاناب، ئوچۇق-يورۇق.
ساتىراش باشقا قارايدۇ، ياماقچى ئاياغقا.
ساختا دوسىت ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
ساختا مىھرىبانىلىق؛ يالغان مىھىر-شەپقەت.
ساختىپەزلىك قىلماق؛ ئالدامچىلىق قىلماق؛ يالغانچىلىق قىلماق.
ساختىپەزلىك قىلماق؛ كۆ بويامچىلىق قىلماق؛ ئالدامچىلىق قىلماق.
ساختىپەزلىك قىلماق؛ كۆز بويامچىلىق قىلماق؛ قۇۋلۇق-شۇملۇق قىلماق.
ساختىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، چىنىنى ساقلاپ قالماق؛ يالغىنىنى چۆرۈۋېتىپ، راستىنى ساقلاپ قالماق.
ساداقەتمەنلىك؛ سەمىمىيلىك.
ساراسىمگە چۈشمەك؛ كۆڭلى پاراكەندە بولماق؛ گاڭگىراپ قالماق؛ ئېسەنگىرەپ قالماق.
ساراڭ بولۇۋالماق؛ دۆت بولۇۋالماق؛ ھېچنېمىنى ئۇقماس بولۇۋالماق.
سارقىرىغان كۈپ توشماس، نەپسى يوغان تويماس. ئەمەلدار نەپسىيانەتچى بولسا، دۆلەتنى نابۇت قىلار.
سارنىڭ نەزىرىدە چۈجە قۇش ئەمەس، باينىڭ نەزىرىدە قۇل ئادەم ئەمەس.
سار ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ، سايىسى يەرگە چۈشىدۇ.
ساقالدىكى ئاشتا قورساق تويماپتۇ.
ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماپتۇ.
ساقالغا ئوت تۇتاشقاندەك؛ ئارقىغا تارتىپ بولمايدىغان؛ كېچىكتۈرۈپ بولمايدىغان؛ بەكمۇ جىددىي.
ساقالغا ئوت تۇتاشقاندەك؛ ئەھۋال جىددىي بولماق؛ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالماق.
ساقال ۋە قاشلىرى ئاقىرىپ كەتمەك.
ساقايماس؛ تۈزەلمەس؛ ئوڭشالماس.
ساقايماس كېسەل؛ شىپاسى يوق كېسەل؛ داۋاسى يوق كېسەل.
ساق تۇخۇمغا چىۋىن قونماپتۇ.
ساقلىساڭ يۈز كۈنلۈك، ساقلىمىساڭ بىر كۈنلۈك
ساقلىسا ئېغىزنى بىر پالۋان، ئۆتەلمەس ئۇ يەردىن ھېچ ئىنسان؛ بىر ئادەم ساقلىسا، مىڭ ئادەممۇ ئالالمايدىغان.
ساق يەرنىڭ تېرىسىنى شىلىپ يارىنى يامىماق؛ يەڭنى كېسىپ پۇچقاقنى يامىماق.
سالاپەتلىك بولۇۋالماق؛ قېتىۋالماق؛ گىدىيىۋالماق.
سالاپەتلىك ئولتۇرماق؛ چوڭ سۈپەت ئولتۇرماق.
سالاھىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خىياللار؛ بىمۇناسىپ ئوي؛ ئاساسسىز دەۋا.
سالاۋەتلىك ۋە سىپايە؛ چوڭ سۈپەت؛ لاتاپەتلىك.
سالپىيىپ كەتمەك؛ سولىشىپ كەتمەك؛ روھى چۈشمەك.
سالتاڭ-ساياق؛ يېتىم-يېسىر؛ تۇل خوتۇن-يېتىم ئوغۇل.
سالقىن قانلىق؛ ئېغىر بېسىقلىق.
ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتمەك؛ كۆز بويامچىلىق قىلماق؛ مەككارلىق قىلماق؛ ئالدامچىلىق قىلماق.
ساناپ تۈگەتكۈسىز؛ سان-ساناقسىز؛ ھەددى-ھېسابسىز.
ساناپ تۈگەتكۈسىز؛ ھەددى-ھېسابسىز.
ساناپ تۈگەتكۈسىز؛ ھەددى-ھېسابسىز؛ سان-ساناقسىز.
ساناپ دەسسىمەك؛ تولىمۇ ئىېھتىياتچان بولماق.
سانجاق-سانجاق؛ قۇدرەتلىك؛ كۈچلۈك؛ يېڭىلمەس.
سان-ساناقسىز كۆپ؛ ھەددى-ھېسابسىز جىق.
سان-ساناقسىز؛ ھەددى ھېسابسىز؛ سانىنى ئېلىپ بولماسلىق.
ساھىبجامال-نازىنىنلار.
ساھىبخانلىق.
ساھىپجامال؛ تەڭداشسىز چىرايلىق.
ساۋاب بىلەن گۇناھ بىر يولدا بولماس، سۇ بىەلن ئوت بىر ئوچاقتا (بولماس).
ساۋابنىڭ كۆتى تۆشۈك.
ساۋاتسىزلىق؛ ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك.
ساۋا كۈز ھاۋاسى.
سايرىمىسا بىرگەپ ، سايرىسا ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدۇ؛ كۈلمىسە كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ.
سايرىمىسا بىرگەپ، سايرىسا ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدۇ؛ كۈلمىسە كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ.
ساينىڭ تېشىدەك؛ ساماندەك تولا؛ ھەممە يەردە تېپىلىدىغان.
سايىدا ئولتۇرغاندا، كۆچەت تىككۈچىنى ئۇنتۇما.
سايىدەك ئەگىشىپ يۈرمەك؛ بىر دەممۇ ئايرىلماسلىق.
سەبىي؛ ساددا؛ پاك دىل.
سەپەردە ياخشى ھەمرا كېرەك، مەھەللىدە ياخشى قوشنا كېرەك.
سەپ تارتماق؛ سەپ تۈزمەك؛ توپ-توپ بولۇشماق.
سەپ تارتىپ تەييار تۇرماق؛ قوراللىنىپ بولۇپ تەق تۇرماق؛ زەربە بېرىشكە تەييار تۇرماق.
سەپرايى ئۆرلەپ قاتتىق كايىماق؛ غەزەپ بىلەن قايناپ كەتمەك.
سەپرايى ئۆرلىمەك؛ ئوغىسى قاينىماق؛ دەرغەزەپ بولماق؛ قويقا چېچى تىك تۇرماق.
سەپنىڭ ئالدىدا ماڭماق؛ باشلامچىلىق قىلماق.
سەپىرى ئامان-ئېسەن بولماق؛ ئاق يول بولسۇن؛ سەپىرىڭىز خەيرلىك بولسۇن.
سەت ئادەم گۈل قىسىشقا ئامراق.
سەت گىرىمگە ئامراق.
سەتنىڭ كۆزى ئوسمىدا، تازنىڭ كۆزى پوسمىدا.
سەدىچىن سېپىلى؛ جوڭگو قەلئەسى. مۇستەھكەم قورغان.
سەدىقىنى دىۋانىغا بەر،گېپىڭنى سىردىشىغادە.
سەردارنىڭ ئېتىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ رايىغا بېقىپ ئىش قىلماق؛ خەققە ئەگىشىپ ئىش قىلماق.
سەرسان بولۇپ يۈرمەك.
سەرسان بولۇپ يۈرمەك؛ مۇساپىرچىلىق تارتماق.
سەرسانلىق-سەرگەردانلىققا چۈشمەك؛ سورقچىلىق تارتماق .
سەركەردە ئاتتىن چۈشمىسە، لەشكەرلىرى ئۆز يولىغاماڭار.
سەركەردە پەمسىز بولسا، لەشكەرلەر خورلۇقتا قالۇر.
سەركىسىدىن ئايرىلغان پادا چېچىلىپ كېتىپتۇ.
سەركىسىز پادا؛ باشلىقسىز توپ. باشسىز ئىش ۋۇجۇدقا چىقماس.
سەرگەردان بولۇپ يۈرمەك؛ سەرسانلىق-سەرگەندارلىق.
سەرلەپ-مىسقاللاپ تالاشماق.
سەرلەپ-مىسقاللاپ ھېسابلاشماق؛ پىت ئۈچەيلىك قىلماق؛ بىر تىيىننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرماق.
سەرلەپ-مىسقاللاپ ھېسابلاشماق؛ يىپىدىن يىڭنىسىگىچە زىغىرلاپ كەتمەك.
سەرلەپ-مىسقاللاپ ھېسابلىماق؛ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا ئېسىلىۋالماق.
سەكراتقا چۈشمەك؛ جان تۇمشۇققا كېلىپ قالماق. ئاخىرقى نەپسى قالماق؛ ئۆلەر ھالەتتە تۇرماق.
سەكراتقا چۈشمەك؛ جان ھەلقۇمغا كەلمەك.
سەكرىشىپ ئوينىماق؛ ئويناقلىماق.
سەككىز ئەۋلىيا دەريادىن ئۆتكەندە، ھەرقايسىسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپتۇ.
سەككىز ئەۋلىيا دەريادىن ئۆتكەندە، ھەرقايسىسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپتۇ؛ ھەركىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتمەك.
سەلتەنەتلىك؛ ھەشەمەتلىك؛ سۆلەتلىك.
سەل كەم قالغان يېرى.
سەل كۈتۈپ تۇرماق؛ ئالدىراپ كەتمەي، بىر ئاز تۇرۇپ تۇرماق.
سەللا بوشاڭلىق قىلىنسا ۋاقىت ( ياكى پۇرسەت ) ئۆتۈپ كېتىدۇ.
سەللە يوغان، باش كىچىك، داستىغان يوغان، نان كىچىك.
سەل ئۈستۈن كەلمەك؛ سەل كۈچلۈك كەلمەك؛ سەل ياخشىراق.
سەمىمىيەت بىلەن.
سەمىمىي پوزىتسىيدە بولماق؛ سەمىمىيەت كۆرسەتمەك.
سەمىمىي تەنقىد؛ پايدىلىق نەسىھەت.
سەمىمىي-ساداقەتلىك؛ چەكسىز سادىقلىق.
سەمىمىي سىرداشماق؛ يېقىن ئولتۇرۇپ مۇڭداشماق.
سەمىمىي نەسىھەت قىلماق.
سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆز؛ سەمىمىي ۋە تەسىرلىك سۆز.
سەن-پەن دېيىشىپ قالماق؛ تاكاللاشماق؛ تالاش-تارتىش قىلماق؛ مەنمەنلىك تالاشماق.
سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي
سەن تاز دىگۈچە، مەن تاز دەۋالاي؛ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويماق.
سەن يەرنى گوللىساڭ، يەرمۇ سېنى گوللايدۇ.
سەھەر يولغا چىقىپ؛ كەچ كىرگەندە قونماق. كۈندۈزى يول يۈرۈپ كېچىسى قونماق.
سەھرالىق بەدەۋىلەر؛ ئاممىۋى بەدىئىي ئەدەبىيات.
سەۋەبسىزلا؛ ھېچنىمىدىن ھېچنېمە يوق؛ بىكاردىن-بىكار.
سەۋەبسىز لەشكەر تارتماق؛ ئۇرۇنسىز جەڭ قىلماق؛ يوقىلاڭ ئىش قىلماق؛ ۋەجسىز ئىش قىلماق.
سەۋەبسىز ماجرا تۇغدۇرماق؛ بىكاردىن-بىكار چاتاق چىقارماق؛ سەۋەبسىز جېدەل تېرىماق.
سەۋەبسىز ئىش بولماس؛ ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بار.
سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ.
سەۋەب ۋە نەتىجە؛ ۋەقەنىڭ پۈتكۈل جەريانى.
سەۋەبىنى بىلەلمەسلىك؛ نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك.
سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پۈتەر.
سەيگە قاراپ تاماق ئىچ، بويىغا قاراپ كىيىم پىچ؛ يوتقاندا قاراپ پۇت سۇن.
سودىگەر پۇلغا قانماس، موللا ئىلىمگە (قانماس).
سودىلاشماق؛ باھا تالاشماق؛ شەرت قويماق.
سوراپ بىلىش ئەيب ئەمەس.
سوراپ-سوراپ مەككىنى تېپىپتۇ.
سورىغان بىلىم ئالار، ئۇيالغان كېيىن قالار.
سوزۇلما كېسەل بېقىشىقا باغلىق، جىدىي كېسەل داۋالاشقا باغلىق.
سوزۇلۇش ئۈچۈن تۈگۈلمەك؛ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چېكىنمەك.
سوقۇلمىغان ئالتۇن، يونۇلمىغان قاش؛ زاتى ئېسل؛ تېگى پاكىز (تەبئىي گۈزەللىككە تەمسىل قىلىنىدۇ).
سوكۇلداپ يۈرۈپ ھالسىرىماق؛ چېپىپ يۈرۈپ ھېرىپ كەتمەك. ئىشقا يېتىشىپ كېتەلمەسلىك.
سۇباتلىق؛ چىداملىق بولماق؛ ئىزچىل داۋاملاشتۇرماق.
سۇ بولمىسا قېيىق ئۈزەلمەس، قانات بولمىسا قۇش ئۇچالماس.
سۇ بويىدىكى راۋاققا ئاي شولىسى بالدۇر چۈشىدۇ؛ قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ بالدۇر ئاشقا تىگىدۇ.
سۇ بىلەن سۈت قۇشۇلغاندەك ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتمەك؛ بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كەتمەك؛ ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولماق.
سۇ بىلەن كۆك تۇتشىپ كەتمەك؛ ئۇپۇق بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن سۇ.
سۇ بىلەن ئويناشقىلى بولماس.
سۇ پەسەيسە تاش كۈرنىدۇ؛ سۇ كېتىدۇ، تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىدۇ؛ قاش قالىدۇ؛ تېگى-تەكتى كۆرۈنمەك؛ ئېقىنى ئاق، سېرىقىنى سېرىق قىلماق.
سۇ پەسكە قاراپ ئاقىدۇ، ئادەم ئېگىزگە قاراپ ماڭىدۇ.
سۇ تامچىلاۋەرسە تاشنى تېشەر.
سۇخەنچىلىك قىلماق؛ چېقىمچىلىق قىلماق؛ ئۇششاق گەپ تارقاتماق.
سۇدەك بىلمەك؛ پىششىق يادلىۋالماق.
سۇدەك جاۋاب بەرمەك.
سۇدەك جاۋاب بەرمەك؛ شارىلدىتىپ جاۋاب بەرمەك.
سۇدىكى ئاي قولغا چىقماس؛ خىيالىي ئارزۇ ئەمەلگە ئاشماس.
سۇدىن چىقمىغۇچە، پۇتىدىكى لاينى كۆرگىل بولماس.
سۇدىن سۈزۈك، سۈتتىن ئاق؛ ئاق كۆڭۈللۈك؛ دىيانەتلىك؛ پاك؛ ئالىيجاناب.
سۇدىن سۈزۈك، سۈتتىن ئاق؛ ئىپپەتلىك؛ دىيانەتلىك.
سۇزۈك سۇدا بېلىق تۇرماس، رەنجىگەكنىڭ دوستى (بولماس)؛ باشقىلارغا تولىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويماسلىق. دۇنيادا مۇتلەق ساپ نەرسە بولماس.
سۇ-زىرائەتنىڭ قېنى.
سۇ سۈزۈك بولسا ئاسىتى كۆرۈنەر، كۆز ئۆتكۈر بولسا قەلب بىلىنەر.
سۇغا چۈشكەن تاشتەك؛ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتمەك.
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىتنى ئۇرۇپ ئۇجۇقتۇرماق.
سۇغا يىقىلغان يامغۇردىن قورقماس.
سۇ قوشۇلۇپ دەريا بولۇر، قۇم قوشۇلۇپ چۆل بولۇر.
سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانماسلىق؛ خەۋپ-خەتەردىن قورقماسلىق.
سۇ كەلسە ئېرىق پۈتىدۇ؛ مېۋە پىشقاندا ساپىقىدىن ئۆزى ئاجرايدۇ؛ شارائىت پىشقاندا ئىش ئۆز-ئۆزىدىن ھەل بولىدۇ.
سۇ كەلگۈچە توغان سال.
سۇكەلگۈچە توغان سال؛ ئالدىنئالا تەدبىر كۆرۈپ قويماق.
سۇ كەلگىچە توغان تۇت.
سۇ كېلىشتىن بۇرۇن توغان سال.
سۇلالە ئالماشماق؛ھاكىمىيەت ئالماشماق.
سۇمباتلىق؛ قەددى-قامىتى كېلىشكەن.
سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما.
سۇنىڭ بېشى سۈزۈك بولسا، ئايىغىمۇ سۈزۈك بولىدۇ.
سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي.
سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.
سۇنىڭ ئېقىشىغا، توكنىڭ يېتىشىغا باقماق؛ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرمەك،
سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتماق؛ لاي سۇدا بېلىق تۇتماق؛ توپىلاڭدا توقاچ ئوغرىلىماق.
سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرىلىدۇ.
سۇ ئۈزگۈچى سۇدا ئۆلەر، چامباشچى مۇشتا (ئۆلەر).
سۇ ئۈستىدە خىش لەيلىمەس.
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما.
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق؛ راھەت كۆرگەندە ئۇنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ قوي.
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق كولىغۇچىنى ئۇنتۇما، ئاش يېگەندە دېھقاننى ئۇنتۇما.
سۇ ئىچكۈسى يوق ئېشەكنى ئېرىققا ئېڭىشتۈرگىلى بولماس.
سۇيقەست ۋە ھىيلە-مىكىر.
سۇ يىغىلسا، كۆل بولۇر.
سۆز-ئاتالغۇلار خىيالىغا كېلىپلا تۇرماق؛ سۆز-ئاتالغۇلارنى جاي-جايىدا قوللانماق؛ قىينالمايلا يېزىپ چىقماق. ئۇدۇل كەلگەننى قوللانماق؛ قولنىڭ ئۇچىدىلا يېزىپ چىقماق.
سۆز تەپسىلىي بولماسلىق؛ گەپ چالا بولۇپ قالماق.
سۆز-چۆچەك تارقاتماق؛ ھەممە يەرگە پۇركەتمەك؛ ھەممىنىڭ ئاغزىغا بىر كەلمەك.
سۆز-چۆچەك قىلماق؛ غەيۋەت-شىكايەت قىلماق.
سۆز-چۆچەك قىلماق؛ قۇسۇر تاپماق؛
سۆز-چۆچەك؛ مىش-مىش گەپ.
سۆز قېلىپىدا ياخشى، قىلىچ غىلىپىدا.
سۆز قىل سىغار يەرگە، سۇ سەپ سىڭەر يەرگە.
سۆزگە چېۋەر؛ پاساھەتلىك.
سۆزلىگۈچىدە ئەيىب يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن.
سۆز-ھەرىكەت ۋە ئىجدىمائىي ئالاقىلەردە.
سۆزۈڭ يوللۇق بولسا، گېپىڭ تورلۇق بولۇر.
سۆزى ئاددىي، مەنىسى چوڭقۇر.
سۆز-ئىبارىلەرگە ئۆلۈك يېپىشىۋالماق؛ سۆز-ئىبارىلەرگىلا ئېسىلىۋالماق. گەپدانلىق قىلماق؛ گەپ ساتماق؛ سۆزمەنلىك قىلماق.
سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولماق
سۆزى قىسقا، مەزمۇنى چوڭقۇر؛ ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق.
سۆزى مەقسەتنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمەسلىك.
سۆزى مونچاقتەك تىزىلىپ چىقماق.
سۆزى ئىشەنچىلىك، ھەرىكىتى كەسكىن بولماق؛ كېپى گەپ، ئىشى ئىش بولماق.
سۆ قىلىپىدا ياخشى، قىلىچ غىلىپىدا.
سۆيۈپ كۆرىدىغان، ياقتورۇپ ئاڭلايدىغان؛ كۆڭۈلگە ياقماق؛ ياخشى كۆرمەك.
سۈپسۈزۈك ئايدىڭ ۋە ئاندا-ساندا يۇلتۇزلار؛ ئىنتايىن سۈزۈك ئايدىڭ.
سۈت بىلەن كىرگە خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ.
سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار.
سۈتى ئاز ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
سۈت ئىچىپ ئاغزى كۈيگەن، قېتقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر
سۈرەن سالماق؛ قۇرۇق داۋراڭ سالماق،
سۈرلۈك-ھەيۋەتلىك.
سۈرلۈك ۋە جىددىي قىياپەتتە بولماق.
سۈرۈپ توقاي قىلماق؛ھەممىنى سۈپۈرۈپ تاشلىماق.
سۈزۈك سۇدا بېلىق تۇرماس؛ زىل ئادەمنىڭ دوستى بولماس.
سۈلكەتچىلىك قىلماق؛ شىيلامچىلىق قىلماق؛ قۇۋلۇق قىلماق .
سۈيۈڭ غول-ھوسۇلۇڭ مول.
سۈيئىستىمال قىلماق؛ نەسانىيەتچىلىك قىلماق؛ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماق؛ شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن كۆز بويامچىلىق قىلماق.
سۈيىنىلا يەڭگۈشلەپ، دورىسىنى يەڭگۈشلىمەسلىك؛ شەكلىنىلا ئۆزگەرتىپ، مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەسلىك؛ ئاتام ئېيتقان بايقىدەك تۇرۇپتۇ.
سېخىي ئادەمنىڭ كۆڭلى دەريا.
سېرىقتال ۋاقىت؛ ئۈزۈكچىلىك مەزگىل
سېزىمىنى يوقاتماق؛ ھوشيارلىقىنى يوقاتماق؛ بىخۇدلۇق قىلماق.
سېسىق تۇخۇمدىن چۆجە چىقماس، پۈچەك ئۇرۇقچىدىن بىخ.
سېسىق سېسىققا يارايدۇ.
سېسىق قىغ بولمىسا، ئوخشىغان زىرائەت بولماس
سېسىق گۆشتە قۇرساق توقلىماق؛ بارىغا پەتە، يوقىغا ئەتە؛ ھازىرنىلار كۆزدە تۇتۇپ، ئاقىۋىتىى ئويلىماسلىق.
سېسىق نام قالدۇرماق؛ ئەبەدىلئەبەد لەنەتكە قالماق.
سېسىق نامى ئالەمگە پۇر كەتمەك.
سېسىق نامى پۇر كەتمەك.
سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى قۇزغۇن ئىگىلىۋاپتۇ (باشقىلارنىڭ ئۆي-جايىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشقا تەمسىل قىلىنىدۇ).
سېغىزخان ئۇۋىسىدىن بۇلبۇل چىقىپتۇ.
سېغىزخان ئۇۋىسىدىن سۇمۇرۇغ چىقىپتۇ.
سېلىشتۇرغىلى بولماسلىق؛ بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولماسلىق.
سېمىز توخۇ تۇخۇم تۇغماس.
سېنىڭ-مېنىڭ دېمەسلىك.
سېۋەتتە سۇ توختىماس.
سىپايىگەرچىلىك قىلماق؛ قۇرۇق ھەيۋە قىلماق.
سىرتتىكى ئوغرىغا ھويلىدىكى ئوغرى شوتا.
سىرداش بولمىغان ئادەمگە سىرىڭنى ئېيتما.
سىرداش؛ قەدىناس دوست. مۇڭلۇق كۈي.
سىردىشىدەك كۆرمەك؛ دوستىدەك كۆرمەك.
سىر ساقلىماق؛ مەخپىي تۇتماق.
سىزىقتىن چىقماسلىق؛ دائىرىدە ھەرىكەت قىلماق؛ كىچىڭ دائىرىدە چەكلىنىپ قالماق.
سىزىقتىن چىقماسلىق؛ نېمە دېسە ماقۇل؛ پەرمانبەردارلىق؛ ئىتائەتمەنلىك.
سىزىقتىن چىقىشقا پېتىنالماسلىق؛ چەكتىن ئېشىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق.
سىقىپ-يالاپ دۇنيا توپلىماق؛ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلىمەك؛ كۆپ ئەجىر قىلماق؛ تىرىشىپ-تىرمىشىپ.
سىڭمىگەن پولۇدىن سىڭگەن ئوماچ ياخشى.
سىلىق ۋە ئورۇنلۇق گەپ قىلماق.
سىناپ كۆرۈشكە ئالدىرىماق؛ سىناپ كۆرۈشكە تاقەتسىزلىك بىلەن ئىنتىلمەك.
سىياھى قۇرۇماي تۇرۇپلا.
شاپائەت قىلماق. قۇرۇق ئۆپكە قاقماق.
شاپتۇل بەرگەنگە نەشپۈت بەرمەك؛ بار تاۋىقم، يان تاۋىقىم؛ دوستانە بېرىش-كېلىش قىلماق.
شاتىراق لاي سۇۋاق بولماس، پو ياغاچ تۇۋاق بولماس.
شاختىن-شاخقا قونماق، بىرىنى كۆرۈپ يەنە بىرىدىن كەچمەك.
شاخ-شۇمبا ئۈستىدە يېتىپ ئۆت يالىماق.
شاخلاتماق؛ قانات-قۇيرۇق چىقارماق؛ مەزمۇنغا مەزمۇن قوشماق؛ مۇبالىغە قىلماق؛ ئاشۇرۇپ تەسۋىرلىمەك.
شاد-خوراملىققا قايغۇ-ھەسرەت قوشۇلۇپ كەتمەك؛ ھەم قايغۇغا، ھەم خۇشاللىققا چۆممەك.
شاد-خۇراملىققا چۆممەك؛ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك؛ خۇشال-كۈتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا؛ شادلىق تەنتەنىسى بىلەن
شارابنىڭ ئاقىۋىتى چۈشكۈنلۈك، ئۆمۈرۈك بولىدۇ ئۈچ كۈنلۈك.
شارقىراپ ئاققا سۇدەك راۋان.
شاكىلىنى تاشلاپ، مېغىزىنى ئالماق؛ شاللىماق.
شاگىرتنىڭ ھالىغا قاراپ ئۆگەتمەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيىلىمەك؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ كونكرېت ئۆزگىچىلىكلىرىگە قاراپ ئوقۇتماق.
شاڭجۇۋاڭنىڭ قىلىچ ئوينىتىشتىن مەقسىتى پېيگوڭنى ئۆلتۈرۈشتە؛ جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا.
شالاڭ؛ ئۇ يەر-بۇ يەردە؛ ئالاڭغۇ.
شال تېرىساڭ گۈرۈچ ئالىسەن، كېۋەز تېرىساڭ پاختا.
شاللاقلىق قىلماق؛ قائىدە-يۇسۇن بىلەن كارى بولماسلىق.
شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.
شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ؛ سەۋەبسىز قىل تەۋرىمەس؛ ھېچ قانداق ئىش سەۋەبسىز بولمايدۇ.
شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، يامغۇر ياغمىسا يەر ھۆل بولمايدۇ
شامال چىقىمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ.
شامالغا قاراپ كېمە ھەيدىمەك؛ سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا؛ جاھاننىڭ رەپتارىغا قاراپ ئىش كۆرمەك.
شامال كىرمەيدىغان قىلىپ سۆزلىمەك؛ ئۆز گىپىگە ئاساس تاپماق؛ ئۆز گىپىنى يورغىلاتماق.
شام يورۇتۇپ كىچىنى تەبرىكلىمەك؛ سەيلى قىلىپ تۈننىڭ پەيزىنى سۈرمەك.
شان-شەرەپ، ئار-نومۇسقا پىسەنت قىلماسلىق
شان-شۆھرەت كەلتۈرمەك.
شانۇ شەۋكەتلىك ۋە دۆلەتمەنلىك.
شانۇشەۋكەت ئۈچۈن ۋەتەن ساتماق.
شەپەرەڭ قۇياش
شەپىسىنى ئاڭلاپلا بەدەر قاچماق؛ شەپىسىنى ئاڭلاپلا تىكىۋەتمەك.
شەپىسىنى ئاڭلاپلا يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتمەك؛ شەپىسىنى ئاڭلاش بىلەنلا جان-پېنى چىقىپ كەتمەك.
شەخسىيەتچىلىك؛ نەپسانىيەتچىلىك.
شەرق شامىلى غەرب شامىلىنى بېسىپ چۈشىدۇ.
شەرمەندە بولماق؛ ئابرويى تۆكۈلمەك.
شەرمەندە بولماق؛ رەسۋاسى چىقماق؛ چاۋىسى چىتقا يېيىلماق.
شەرىقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، غەرىپتىن ھوجۇم قىلماق؛ ئۇ ياقتىن شەپە بىرىپ قويۇپ، بۇ ياقتىن زەربە بەرمەك.