ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
خەق ئۈچۈن جاپا چەكمەك؛ نامسىز قەھرىمان؛ خەقنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قالدىم لىۋىمنى چىشلەپ.
خەلق ئازاب-ئوقۇبەتتە قالماق.
خەلق ئالەم ئادىدا؛ خالايىق ئادىدا؛ جامائەت ئالدىدا.
خەلقئالەمنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە قارىماي ئەسكىلىك قىلماق.
خەلق باياشات، بايلىق مول بولماق.
خەلق باي، دۆلەت قۇدرەتلىك بولماق؛ خەلقنى بېيىتىپ، دۆلەتنى كۈچەيتمەك.
خەلق تۇرمۇشى خارابلاشماق.
خەلق سۆيەر؛ ئەل سۆيەر .
خەلققە جاپا سېلىپ، مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزمەك.
خەلق كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالماق؛ خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلاشماق.
خەلق نامراتلىشىپ، خەزىنە قۇرۇپ قالماق.
خەلقنى تىنىچلاندۇرۇش ئېلانى؛ ئېلان چىقىرىپ ئاھالىنى خەۋەردار قىلماق؛ بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىن مەلۇم قىلماق.
خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتى قايناپ تاشماق.
خەلقنىڭ قان-تەرى؛ خەلقنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن بايلىق.
خەلقنىڭ قىلچىلىك نەرسىسىگىمۇ تەگمەسلىك.
خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم.
خەلقىئالەم ئالدىدا شەرمەندە بولماق.
خەلق ئىرادىسىنى دەپسەندە قىلماق؛ ئۆز ئىرادىسىنى خەلققە تاڭماق.
خەنجىرى كۆرۈنۈپ قېلىپ، قەستى پاش بولۇپ قالماق. جەنگو دەۋرىدە يەن بەگىلىكىدىكى جىڭ كې خەنجەرنى خەرىتىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ، چىن بەگىلىكىنىڭ بېگىنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ. خەرىتە تەقدىم قىلىۋاتقان چاغدا، خەرىتىنى يېيىش بىلەنلا خەنجەر كۆرۈنۈپ قاپتۇ (سۇيىقە
خەۋەت يەتكۈزۈپ قويماق؛ ئېيتىپ قويماق.