ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
خەتەردىن بەھۇزۇر ئۆتۈپ كەتمەك؛ خەۋپ-خەتەردىن زادىلا قورقماسلىق.
خەتەرلىك دەپ قارىماق؛ مۈشكۈل چاغلىماق.
خەت تونۇماسلىق نومۇس ئەمەس، ئادەم تونۇماسلىق نومۇس.
خەت مەنىسىگە قاراپ چۈشەندۈرمەك؛ قارىسىغا مەنە بەرمەك دېيىلىدۇ.
خەتنى قاغا پۇتىدەك يازماق؛ خەتنى سەت يازماق؛ ماقالىنى يىرىك يازماق.
خەق بىلەن ھېچنېمە تالاشماسلىق؛ بۇ دۇنيادا ياۋاش-يۇمشاق ياشىماق.
خەق بىلمىسۇن دېسەڭ قىلما؛ بېرەر ئىشنى خەقتىن يوشۇرماقچى بولساڭ قىلمايلا قوي.
خەق چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى يوق.
خەق نېمە دېسە، شۇنى دېمەك؛ دورامچىلىق قىلماق.
خەقنى باپلايمەن دەپ، ئۆزى باپلىنىپ قاپتۇ.
خەقنىڭ تۆھپىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق.
خەقنىڭ داستىخىنىدا مېھمان ئۇزاتماق؛ ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىگە سوۋغا قىلماق.
خەقنىڭ دېگىنىنى تەكرارلىماق.
خەقنىڭ رايىغا باقماق؛ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنمەك.
خەقنىڭ سوۋغىتىنى ئالساڭ دېگىنىنى قىلىسەن.
خەقنىڭ قولى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرمەك
خەقنىڭ كۆڭلىنى ئۆز كۆڭلىدەك ھېسابلىماق؛ ئۆزىنى خەقنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلانماق.
خەقنىڭ كۈچى بىلەن ئىش پۈتتۈرمەك؛ خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەك.
خەقنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆز مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ؛ قاغا بۆدۈنىنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆز مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
خەقنىڭ ئۆيىدە جان باقماق؛ خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەك.