ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چىرايىدىن يېقىملىق كۈلكە يېغىپ تۇرماق؛ كۈلكە چىراي بىلەن؛ خۇش تەبەسسۇم بىلەن.
چىرايى ساماندەك سارغايماق.
چىرايىڭنىڭ سەتلىكىگە ئەينەك ئەيىبلىك ئەمەس.
چىرايى ئۆزگەرمەسلىك؛ چىرايىنى ئۆزگەرتمەسلىك؛ ئۆزىنى تەمكىن تۇتماق.
چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن.
چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچلۈك قىلماق.
چىشنى غۇچۇرلاتماق؛ قاتتىق غەزەپلەنمەك.
چىشنىڭ بارىدا گۆش يە، كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر.
چىش ھەرقانچە قاتتىق بولسىمۇ تاشنى ئېزەلمەس.
چىشى پاتماسلىق؛ ھېچنېمە دېيەلمەسلىك؛ ئېغىز ئاچالماسلىق.
چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە.
چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە، كۆزۈنىڭ ئوچۇقىدا شەھەر كۆر.
چىقىشقاق؛ خۇش مۇئامىلە؛ خۇش تەبىئەت. چۈشىنىشلىك (ماقالە).
چىكىنىش دۇمبىقىنى چالماق. قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالماق؛ يالتىيىۋالماق؛ باش تارتماق.
چىگىش كەندىرنى ئىتتىك پىچاقتا كەسمەك؛ غاچ-غۇچ بىر تەرەپ قىلماق؛ ئىشنى غاچ-غۇچ قىلماق .
چىگىش كۇلانىڭ ئۇچى بولۇر، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى (بولۇر).
چىگىش-مۇرەككەپ.
چىگىش-مۇرەككەپ؛ ئىرماش-چىرماش.
چىگىش-مۇرەككەپ؛ ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتمەك.
چىگىشنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرۈۋەتمەك؛ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەك.