ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چىلاننى پۈتۈن يۇتماق؛ چاينىماي يۇتماق.
چىل بۆرىنىڭ نيىتىنى ئوۋچىلار بىلەر.
چىن دىلدىن؛ چىن كۆڭۈلدىن.
چىن دىلىدىن قايىل بولماق؛ چىن كۆڭلىدىن قول قويماق.
چىن كۆڭلىدىن خالىماق؛ رازىمەنلىك بىلەن.
چىن كۆڭۈل-سەمىمىي نىيەت.
چىن كۆڭۈل، سەمىمىي نىيەت.
چىن-ھەقىقىي؛ شۈبھىسىز.
چىۋىق كۆتۈرۈپ بېرىپ ئەپۇ سورىماق؛ سەمىمىيەت بىلەن ئەپۇ سۇرىماق.
چىۋىقىنى ئەگمەك ئاسان، دەرەخنى ئەگمەك تەس.
چىۋىن سېسىق گۆشكە ئامراق.
چىۋىن سېسىق گۆشكە قونىدۇ.
چىۋىن قورۇغۇچىلىكمۇ ھالى بولماسلىق؛ ھالسىز؛ دەرمانسىز.
چىۋىن ئۆلسىمۇ مىكروبى ئۆلمەيدۇ.
خاتا خاتا پېتىچە كېتىۋەرمەك؛ خاتا نەرسىلەر ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچمەك.
خاتا قىلغان پېتى كېتىۋەرمەك؛ خاتالىق خاتا پېتىچە قېلىۋەرمەك.
خاتالىق-كەمچىلىكلىرىنى يوشۇرماق؛ خاتالىقنى ياپماق.
خاتالىقنى بىلگەندىن كېيىن چوقۇم تۈزەتمەك.
خاتالىقنى تۈزىتىپ توغرا يولغا ماڭماق؛ خاتالىقنى تۈزىتىپ يېڭىدىن ئادەم بولماق.
خاتالىقىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈزەتمەك؛ خاتالىقىغا توۋا قىلماق.