ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چۆنتەك قۇرۇق قالماق؛ دەسمايە غالتەككە چىقماق.
چۈپرەندە-سۈپرەندىلەر؛ داشقال.
چۈجىسى كۆپ مېكىيانغا دان تەگمەس.
چۈشىدە ۋەزىر بولماق؛ بەڭگىنىڭ خىيالى.
چۈشىنىكسىز مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىزاھ بېرىشنى سورىماق.
چۈمۈلە دەرەخنى لىڭشىتماقچى بولغاندەك؛ ئۆزىنى چاغلىماسلىق؛ ھالىغا باقماسلىق.
چۈمۈلە سۆڭەك غاجىغاندەك؛ يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولىغاندەك.
چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى كىچىك بولسىمۇ، غايەت زور دامبىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
چېپىپ يۈرۈپ بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزمەك.
چېچەن يىگىت يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيار.
چېچى ئاق، چىرايى پاك؛ پاكىز قېرىغان؛ چېچى ئاق، كۆرۈنۈشى ياش.
چېچىكى بار، مېۋىسى يوق؛ يېرىم-يارتا بىلىمى بارۇ، ھېچ نەتىجىسى يوق.
چېقىۋالماق؛ تاكاللاشماق؛ گەپ ياندۇرماق.
چېكىدىن ئاشقان ھەشەمەتچىلىك؛ سۆلەتۋازلىققا بېرىلىپ كەتمەك؛ قالتىس ھەشەمەت بىلەن.
چېنىپ قالماق؛ تەڭ كېلەلمەسلىك؛ رەڭگى ئۆچمەك؛چىرايى تۇتۇلماق؛ كۆڭلى بۇزۇلماق.
چېنىپ قالماق؛ تېزىنى باسسا، مېزى چىقماق؛ قۇسۇرى كۆپ.
چېنىپ قالماق؛ ناچارلىقى بىلىنىپ قالماق.