ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چېۋەر دۆتتەك كۆرۈنەر؛ چىن ماھىر ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ.
چىچاڭشىپ كەتمەك؛ دەرغەزەپ بولماق؛چېچىلىپ-كايىپ كەتمەك.
چىداملىق بولماق؛ سۇباتلىق بولماق؛ بېلى چىڭ بولماق؛ قەتئى داۋاملاشتۈرماق.
چىدىغۇسىز ئاۋارىچىلىق؛ تۈگىمەس ئاۋارىچىلىق.
چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، خۇشياقماسنىڭ باھانىسى تولا.
چىراغ نۇرلىرى پارىلداپ تۇرماق؛ نۇرلىرى چاقناپ تۇرماق.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق.
چىرايلىق گەپلەرنى ياغدۇرۇۋەتمەك؛ ماختاپ كۆككە كۆتۈرمەك؛ تىل ياغلىمىچىلىق قىلماق.
چىرايلىق گۈل چىرايلىققا يارىشار.
چىرايلىق گۈل دائىم ئېچىلمايدۇ، ياخشى پۇرسەت دائىم كەلمەيدۇ.
چىرايلىقلىق-بالايىئاپەتنىڭ يىلتىزى.
چىرايلىقلىقىدا گەپ يوق؛ نەپسىلىككە قىل سىغمايدۇ؛ ئاجايىپ ياخشى.
چىرايلىق ناملار بىلەن؛ تۈرلۈك بان-سەۋەب بىلەن.
چىرايى تاتىرىپ كەتمەك؛ چىرايىدا قان دىدارى قالماسلىق.
چىرايىدىن غەزەپ يېغىپ تۇرماق؛ ئاچچىقىنى بىلىندۈرۈپ قويماق.
چىرايىدىن مېھر-مۇھەببەت يېغىپ تۇرماق.
چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرماق؛ روھى ئۇرغۇپ تۇرماق.