ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تاغنى قولتۇققا قىسىپ دېڭىزدىن ئۆتمەك؛ ئاسمانغا چىقىپ ئاي ئالماق؛ ئەسلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش.
تاغنى يۆتكەپ، ئوكيان بىنا قىلماق.
تاغۇ دەريالار. ئۇزۇن ۋە جاپالىق مۇساپە.
تاغ ئېشىپ، دەريا كەچمەك؛ تاغ-داۋانلار ئاشماق.
تاغ ئېگىز بولسىمۇ چوققۇسى بولۇر، دەريا چوڭقۇر بولسىمۇ تېگى بولۇر.
تاغ يېنىدا يامغۇر كۆپ، دېڭىز بويىدا بوران (كۆپ).
تاقەتسىزلىك؛ بىتاقەت بولماق.
تاققا-تۇققا؛ پەلىپەتىش؛ ئوڭ-تەتۈر.
تاققا-تۇققا؛ ئېگىز-پەس؛ ئوڭ-تەتۇر.
تاقىتى تاق بولماق؛ سەۋر قاچىسى تېشىپ كەتمەك؛ سەۋر-تاقەت تۈگىمەك.
تاقىتى تاق بولماق؛ سەۋرىسىزلەنمەك؛ تىت-تىت بولماق؛ تاقەتسىزلىك..
تاقىرباش ئادەمنىڭ ھەممىسى راھىب ئەمەس.
تاقىر يەر؛ گىياھ ئۈنمەس يەر.
تاڭ ئاتقۇچە؛ كېچىچە؛ تۈن بويى؛ كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ.
تالا-تۈزگە چىقماسلىق؛ كۈن بويى ئۆيدە ئولتۇرماق؛ خەققە كۆرۈنمەسلىك.
تالادىن كىرگەن ئوغرىنى تۇتۇش ئاسان، ئۆي ئىچىدىكى ئوغرىنى تۇتۇش تەس.
تالاش-تارتىش قىلماق؛ تۈگىمەس مۇنازىرە؛ ئايىغى چىقماس مۇنازىرە.
تالالىقى بار، ئۆي ئىچىلىكى يوق؛ كۆرۈشكە بولىدىغان، ئىشلىتىشكە يارىمايدىغان؛ قۇرۇق سۆلەت.
تالان-تاراج قىلماق؛ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماق.
تالانت تونۇشقا ئېرىشەلمەسلىك