ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھېچ نەرسىنى ئالماسلىق.
ھېچنېمە بىلەن كارى بولماسلىق؛ قۇلاقنى يوپۇرۇپ يۈرۈۋەرمەك.
ھېچنېمىدىن باش تارتماسلىق؛ پەرمەنبەردار بولماق؛ ھەر نېمە قىلىشقا تەييار تۇرماق.
ھېچنېمىدىن تەپ تارتماسلىق؛ قىلچە ئەيمەنمەسلىك.
ھېچنېمىدىن تەپتارتماق ئەسكىلىك قىلماق.
ھېچنېمىدىن قورقماسلىق.
ھېچنېمىدىن قورقماسلىق؛ قورقۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەسلىك.
ھېچنېمىسى يوق؛ بىر تىيىنى يوق؛ بەك نامرات؛ تۇلىمۇ كەمبەغەل؛ قاق سەنەم؛ يالاڭ تۆش.
ھېچنېمىسى يوق؛ يوقسۇللۇق.
ھېچنېمىگە يارىماسلىق؛ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەسلىك؛ قولدىن پوق كەلمەسلىك.
ھېچنېمىنى ئايىماسلىق.
ھېچنېمىنى بىلمەس بولۇۋالماق.
ھېچنېمىنى بىلمەسلىك؛ ھېچنېمىدىن خەۋىرى بولماسلىق.
ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەسلىك؛ گاڭگىراپ قالماق؛ تىڭىرقاپ قالماق.
ھېچنېمىنى كۆزگە ئىلماسلىق؛ ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماسلىق؛ ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلماسلىق.
ھېچنىمىنى بىلمەسلىك؛ ھېچنېمىدىن خەۋىرى بولماسلىق؛ ئازراقمۇ بىلمەسلىك.
ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرمەك؛ بەخىرامان يۈرمەك.
ھېچ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك؛ ھېچنېمىنىڭ غېمىنى يېمەسلىك؛ ھېچنېمە بىلەن كارى بولماسلىق.
ھېچ ئىش قىلماسلىق؛ بىكار يۈرمەك.
ھېچ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماسلىق؛ ھېچقانداق ئۇتۇقى بولماسلىق؛ نەتىجە يارىتىشقا تىرىشماسلىق.