ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھۇجۇم-مۇداپىئە ئىتتىپاقى؛ گەپنى بىر قىلۋالماق.
ھۇرۇنغا قاراشلىق ئىش تولا.
ھۆپۈپنىڭ سېسىقى بىر-بىرىگە بىلىنمەپتۇ.
ھۆرمەت قىلغاندىن كۆرەگېپىدىن چىقمىغان ياخشى .
ھۆرىگۈلدەك ئېچىلىپلا توزۇپ كەتمەك؛ غىل-پال كۆرۈنۈپ قويۇپلا يوقاپ كەتمەك.
ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ، ئۆزى پايدا ئالماق؛ ھۆكۈمەت نامىدا ئېلىپ، ئۆز چۆنتىكىگە سالماق؛ بىگىم ئۆچۈن خىزمەت، ئۆزۈم ئۈچۈن ئوقەت
ھۆكۈمەت ئىشىنى بىجىرىمەن دەپ شەخسى ئۆچىنى ئالماق؛ مەنسىپىدىن پايدىلىنىپ،شەخسى ئۆچىنى ئالماق.
ھۆكۈمەت ئىشىنى ھۆكۈمەت ئىشى بويىچە بېجىرمەك.
ھۆل ئوتۇننىڭ ئوتتا كۆيمىكى تەس، ئەركە بالىنىڭ ئىشقا كۆنمىكى (تەس).
ھۈنەرگە پىشاي دېسەڭ تەرگە پىش.
ھۈنەرنى قىلمىساڭ، ھۈنىرىڭ داتلىشار.
ھۈنەرۋەن ئۆزىگە ئېشىنالماپتۇ.
ھۈنەرۋەن ئۆزىگە ئىشىنەلمەپتۇ.
ھۈنىرىنى ئاز-تولا كۆرسىتىپ قويماق.
ھۈنىرىنى كۆرسەتمەك؛ تالانتىنى ئاشكارلىماق؛ ئۆزىنى تونۇتماق.
ھۈنىرىنى كۆرسەتمەك؛ قابىلىيتىنى كۆرسەتمەك.
ھۈنىرىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرىماق.