ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھۈنىرىنى يوشۇرۇپ پۇرسەت كۈتمەك؛ ئۆزىنى يوشۇرۇپ پۇرسەت كۈتمەك.
ھۈنىرى يوق كىشىنىڭ، مەززىسى يوق ئېشىنىڭ.
ھېچبىر توغرا يېرى يوق؛ ھەممە ئىشى چاتاق.
ھېچ چۈشىنىپ بولماسلىق؛ ھاڭ-تاڭ قالماق؛ تېگىگە يېتەلمەسلىك؛ ئەقىل يەتمەسلىك.
ھېچقانداق ئالاقىسى يوق؛ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.
ھېچقانداق تەدبىر تاپالماسلىق؛ قانداق قىلىشنى بىلەلمەسلىك؛ ئامالسىز قالماق؛ ئىلاجىسىز قالماق.
ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىق؛ بىرمۇ؛ نۇقسان چىقماسلىق؛ ئىشەنچلىك بولماق.
ھېچقانداق خەت-خەۋىرى بولماسلىق؛ ئىز-دېرىكى بولماسلىق؛ ئۇچۇرى بولماسلىق.
ھېچقانداق قابىلىيىتى بولماسلىق؛ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق.
ھېچقانداق كۈچ تەڭ كېلەلمەسلىك؛ ھەممە جەڭدە يەڭمەك؛ تەڭداشسىز؛ يېڭىلمەس.
ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق؛ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەسلىك.
ھېچقايسى تەرەپكە يان باسماسلىق؛ خالىس تۇرماق؛ كاۋاپمۇ كۆيمىسۇن، زىخمۇ.
ھېچكىمگە ( ھېچقايسى تەپكە) يان باسماسلىق؛ خالىسلىق.
ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماسلىق.
ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلماسلىق.
ھېچكىمنى ئۆزىگە يېقىن يولاتماسلىق؛ ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلماسلىق.
ھېچكىم يېقىن كەلمەسلىك؛ ھېچكىمنىڭ قىلغۇسى كەلمەسلىك؛ ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىق.
ھېچ گەپ ئەمەس؛ گەپ يوق؛ چاتاق يوق.
ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق؛ بىكاردىن-بىكار.
ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالماسلىق؛ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەسلىك؛ لېۋىنى چىشلەپ قالماق.