ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەيۋە قىلماق؛ پوپوزا قىلماق؛ كۆرەڭلىمەك.
ھەيۋە قىلماق؛ ھەيۋە بىلەن زورلىماق؛ قىستىماق.
ھەيۋىتىنى توسقىلى بولماسلىق؛ ھەيۋىتى زور.
ھەيۋىسىنى كۆرۈپلا بىتچىت بولماق؛ قارىسىنى كۆرۈپلا پاتپاراق بولماق.
ھودۇققاندا يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزگىلى بولماس.
ھودۇققانئىت تامدىن سەكرەر.
ھودۇقماستىن؛ تېنىمەستىن؛ ئالدىرىماي.
ھودۇقماسلىق؛ رەڭگىرويى ئۆزگەرمەسلىك؛ تەمكىنلىك.
ھودۇقماي تاقابىل تۇرماق؛ بىمالال بىر تەرەپ قىلماق؛ كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلماق.
ھودۇقۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالماق؛ ساراسىمگە چۈشمەك.
ھوسۇلسىز يىللار؛ قەھەتچىلىك يىلى.
ھوشىنى تاپقۇزۇپ قويماق؛ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قويماق.
ھوشىنى تاپماسلىق؛ خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالماق.
ھوقۇقنى دەسمايە قىلىپ پارا ئالماق؛ ھوقۇقنى سۈيئىستېمال قىلىپ پارا يېمەك.
ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تالاشماق.
ھويلا-ئارام بازاردەك قىزىپ كەتمەك.
ھويلا-ئارامنى ياساپ-جابدۇپ قويماق؛ ئىشىك ئالدىنى بېزەپ قويماق؛ تاشقى كۆرۈنۈشىنى بىزەپ چىرايلىق قىلىپ كۆرسەتمەك.
ھۇجۇم ئارقىلىق مۇداپىئەلەنمەك.
ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن چېكىنمەك؛ ئىلگىرلەش ئۈچۈن چىكىنمەك.