ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ھەممىلا يەردە غەلبە قىلماق؛ ھەممىلا ئىشتا غەلبە قازانماق.
ھەممىنى ئالدىغا تارتىۋالماق؛ ھەممىگە چات كېرىۋالماق؛ بىر قوللۇق بېجىرمەك.
ھەممىنى ئالدىن نەزەر تۇتماق؛ مۇكەممەل پىلان.
ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان؛تەڭدىشى يوق؛ تەڭداشسىز.
ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكمەك؛ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالماق.
ھەممىنى بىر مىزان بىلەن ئۆلچىمەك؛ ھەممىگە بىر خىلدا قارىماق؛ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەك؛ ھەممىنى بىر قاتارغا قويماق.
ھەممىنى بىر يولىلا ئوتتۇرىغا چىقارماق؛ ھەممىنى ئوتتۇرىغا قويماق؛ قالدۇرماي ئوتتۇرىغا قويماق.
ھەممىنى بىزار قىلماق؛ ھەممىنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىماق.
ھەممىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالماق؛ ھەممىنى بىرلىككە كەلتۈرمەك.
ھەممىنى رازى قىلماق قىيىن؛ ھەممىنىڭ دىتىغا يېقىش تەس؛ ھەممىگە يارىماق تەس.
ھەممىنىڭ ئالدى؛ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان؛ ئالدىنقى قاتاردىكى.
ھەممىنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقماق؛ كۆپچىلىكنىڭ پىكرى ئوخشاش بولماق.
ھەممىنىڭ مەسئۇلىيتى؛ ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيتى.
ھەممىنىڭ يېنى توق، قۇرسىقىدىن غېمى يوق.ھەممىنىڭ توققۇزى تەل بولماق؛ ھەممە باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەك.
ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالماق.
ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالماق، ھەممىگە تەڭ قارىماق.
ھەممىنى ئۆزئىچىگە ئالماق؛ ئۆز ئىچىگە ئالمىغىنى يوق.
ھەممىنى ئۆز ئىچىگەن ئالماق؛ ھېچكىم (ھېچنەرسە ) بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
ھەممىنى ئېنىق كۆزەتمەك؛ ھەممىنى ئېنىق سەزمەك؛ ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچەبىلمەك.
ھەمنەپەس بولماق؛ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولماق.